چىلبۆرە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىلبۆرىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 110 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 18 كىلوگىرام كېلىدۇ. چىلبۆرە سىرتقى شەكلى ئىت بىلەن بۆرىگە يېقىن، تېنى بۆرىدىن كىچىك، بەدەن تۈكلىرى قىزغۇچ قوڭۇر ياكى كۈل رەڭلىك، ئاز مىقداردا ئۇچلۇق ئارىلاش قارا قوڭۇر رەڭلىك تۈكلىرى بولىدۇ. تېنىدىكى تۈكلەر قىسقىراق، قۇيرۇقى سەل ئۇزۇن، قۇيرۇقى توم يوغان، قۇيرۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ.
چىلبۆرە سەھەردە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدۇ، توپلىشىپ ياشايدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ، باشقا گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن باشقا، ئۇ مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. چىلبۆرە تاغلىقلاردىكى چىملىقلاردا، ئېگىز ئوتلاقلاردا ۋە تاغلىقتىكى شالاڭ دەرەخلىك ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ.
چىلبۆرە ئادەتتە ھەر قېتىمدا 4 نى كۈچۈكلەيدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ دۈمبىسى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك تىۋىتلىق بولىدۇ.
چىلبۆرە ئاساسلىقى شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.