چارباغ يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چارباغ يېزىسى (مارالبېشى ناھىيەسى )
  2. چارباغ يېزىسى (لوپ ناھىيەسى)
  3. چارباغ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
مارالبېشى ناھىيەسى

چارباغ يېزىسى

چارباغ يېزىسى

شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيە قارىمىقىدىكى يېزا. چارباغ، ئۇيغۇر تىلىدا «گۈزەل باغ» دېگەن مەنىدە. مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، يېزىنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، گۈزەل مەنزىرىلىك، ئومۇمىي كۆلىمى 486 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1180 مېتىر ئەتراپىدا، نوپۇسى 23350 ئادەم. 

ئۇيغۇرچە نامى چارباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 486 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰尔巴格乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى
نوپۇسى 23350 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چارباغ يېزىسىچارباغ، ئۇيغۇر تىلىدا «گۈزەل باغ» مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، يېزىنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، گۈزەل مەنزىرىلىك، ئومۇمىي كۆلىمى 486 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1180 مېتىر ئەتراپىدا، نوپۇس 23350 ئادەم. يەر شەكلى تۈز، 86 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار. شۇ جايدىكى ئاھالىلەر قىزغىن، مېھماندوست. ئوغلاق، چېلىشىش، مەشرەپ قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. چارباغ يېزىسى جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن، ناھىيە بازىرىدىن 26 كىلومېتىر، تۇمشۇق شەھىرىگە 22 كىلومېتىر. ئوتتۇرا قىسمىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان مارالبېشىدىن يەكەنگىچە تۇمشۇق شەھىرى تاشيولى بار، جەنۇب تەرىپى، شوركۆل سۇ ئامبىرىنى يېزا ئىگىلىك 3-شىسىنىڭ 8 تۈەن-مەيدانى تۇتىشىدىغان تاشيول ۋە ئۆلكە تاشيولى 215-لىنىيىسى، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسىنىڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول ئورتاق شەكىللەندۈرگەن چاققان قولايلىق، ئۆزئارا گىرەلەشكەن قاتناش تورىنى ھاسىل قىلغان. 6.0 مىليون كۇب مېتىرلىق سۇ شياۋخەيزە سۇ ئامبىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، داڭقى مەشھۇر بولغان غەربىي دېڭىز قولتۇقى ساياھەت مەنزىرە رايونى چارباغ يېزىسى تەۋەسىدە. 

دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن باغۋەنچىلىك، قوغۇن، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق كۆپ خىل زىرائەت ۋە پارنىك، قاتارلىق كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان ۋە كىرىشتۈرۈپ تېرىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان. بۇ يىل پۈتۈن يېزا ھەر خىل قوغۇن-تاۋۇزدىن 10 مىڭ مو، يېشىل، زىيانسىز كۆكتات تېرىش 2150 موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2000 مو تاۋۇز تېرىش، قوغۇن  8000 مو؛ پىگمېنتلىق مۇچ تېرىش 200 مو، چوشقا چوڭ ئۈچەي مۇچ 200 مو، 200 مو شوخلا، سەۋزە 800 مو ۋە باشقا تۈرىدىكى كۆكتاتلار 550 موغا يەتكەن. 

چارباغ يېزىسىچارباغ يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى : 653130200. قارمىقىدىكى 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى : چارباغ كەنتى، دەريا بويى كەنتى، دەڭئالدى كەنتى، ئالتەمەھەللە كەنتى، ئالاغىر مەھەللە كەنتى، ئارىدى مازار كەنتى، تۈگمەنمەھەللە كەنتى، سۈزۈك كەنتى، پەسئۆستەڭ كەنتى، ئويقوتان كەنتى، چىگىلىك كەنتى، كۆكچۆلبويى كەنتى، چېدىرتاغ كەنتى، شەيتان كۆل كەنتى، پوتەي كەنتى، قۇمجاي كەنتى، لاڭقالىق كەنتى، دۆڭ مەھەللە كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى قاتارلىقلار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#