ۋالتېر دىسنېي

ۋالتېر دېسنىي
ۋالتېر دىسنىي (1901-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى )، ئامېرىكىلىق داڭلىق كارتون ئۇستازى، كارخانا باشقۇرغۇچى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، سېنارىيىلەشتۈرگۈچى، سەھنىلەشتۈرگۈچى، ئاۋاز ئارتىسى، كارتون لايىھەلىگۈچىسى، دۇنياغا داڭلىق بولغان دىسنىي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە ياد ئېتىدىغان مۆتىۋەر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋالتېر دىسنىي
باشقا نامى 华特·迪士尼
يۇرتى چىكاگو
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沃尔特迪斯尼
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
كەسپى كارتون ئۇستازى، كارخانا باشقۇرغۇچى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، سېنارىيىلەشتۈرگۈچى، سەھنىلەشتۈرگۈچى، ئاۋاز ئارتىسى، كارتون لايىھەلىگۈچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋالتېر دېسنىيدىسنىينىڭ بالىلىق دەۋرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، داداىسى دائىم ئۇ ۋە ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئىشلەشنى تەلەپ قىلاتتى. 1918-يىلى ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 25 ياشقا كىرگەن ئۈچىنچى ئاكىسى دەرھال چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي

 سەپكە كىرگەن، چەتئەلگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى 7-ئايدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دىسنىي چىكاگو شەھىرى يېنىدىكى چوڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا مەشق قىلىۋاتقان ئاكىلىرىنى يوقلىغان، ئاكىسى چەت ئەلدىكى بەزى ئۇرۇش ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن دىسنىينىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئاشقان. شۇ كۈنى ئۇ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى قارار قىلغان. ئەسكەر ئالىدىغان خادىملار ئۇنىڭ يېشىدا گۇمان بار دىيىشتى، ئۇنى تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا دىسنىي ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىمزاسىنى دوراپ ئاپارغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ بىر پىدائىي ئەسكىرى بولۇپ قالغان. 

ۋالتېر دېسنىيمەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دىسنىي چىكاكوغا قايتىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ياشىغان كانزاسقا قايتىپ كىتىدۇ شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەشنى رەسمىي باشلايدۇ. كانزاسقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ئاكىسى ئارقىلىق پۇلىسمىن رۇبىن ئىسىملىك بىر ئېلان شىركىتىگە رەسساملىققا تونۇشتۇرىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى نامرات بولغاچقا، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا پۇلى يوق، بىر تاشلاندۇق ماشىنا ئىسكىلاتىنى رەسىمخانا قىلىۋالدى.

بۇيەردە كېچىلىرى چاشقاننىڭ كىتىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر كۈنى، ھېرىپ –چارچىغان رەسسام بېشىنى كۆتۈرۈپ، غۇۋا چىراق نۇرى ئاستىدا بىر چاشقاننىڭ پارقىراپ تۇرغان كىچىككىنە بىر جۈپ كۆزىنى كۆردى. ئۇنىڭ بۇ چاشقاننى ئۆلتۈرگىسى كەلمىدى. چۈنكى ئازاب –ئوقۇبەت ئۇنىڭدا زاماندىن زارلىنىپ، جان–جانىۋارلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان مېھىر-شەپقەت ئويغاتقانىدى. ئۇ چاشقان بىلەن دوست بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كانساستىن ئايرىلىپ ھوللېۋودقا بېرىپ بېرىپ كارتون فىلىم ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇلدى. ئەمما يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولدى، يانچۇقىدا بىرتىيىنمۇ قالمىدى. ئۇ قانچىلىغان كېچىنى خىيال بىلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، ئۆززىنىڭ تالانتىدىن گۇمان قىلدى. تۇيۇقسىز، ئۇ ھىلىقى پارقىراپ تۇرغان كىچىك كۆزنى ئېسىگە ئالدى. ئىلھام ئۇچقۇنلىرى كېچىدىكى چاقماق كەبى چاقنىدى... ئۇ چاشقان مىكى ئوبرازىنى سىزدى! پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كارتون ئوبرازى—چاشقان مانا مۇشۇنداق دۇنياغا كەلگەن. بۇ رەسسام ئامىرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق شەخىسلەردىن بىرى—مۇشۇ ئەسىردىكى يەنە بىر داڭلىق  يەھۇدى، دىسنىي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋالتېر دىسنىي ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ  ئۇنىڭغا بەرگىنى تولىمۇ ئاز، پەقەتلا بىر چاشقان ئىدى، ئەمما ئۇ ئۇنى «تۇتۇۋالدى». دىسنىيغا نىسبەتەن بۇ چاشقاننىڭ قىممىتى بىباھا. 

ئالغان مۇكاپاتلىرى1932 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم ، كارتون فىلىم : گۈل ۋە دەرەخ (1932-يىلى) 

1932 : ياراتقان چاشقان شەرەپ مۇكاپاتى 

1934-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو كارتون فىلىم : ئۈچ چوشقا كۈچۈكى (1933-يىلى) 

1935 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم ۋە ھەجۋىي رەسىم : تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (1934-يىلى) 

1936-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم ۋە ھەجۋىي رەسىم : ئۈچ يېتىم بالىلار ئاسلان (1935-يىلى) 

1937 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : دۆلەتنىڭ نەۋرە ئاكىسى (1936-يىلى) 

1938-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : كونا تۈگمەن (1937-يىلى) 

1939-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : فېردىناند بۇقىسى (1938-يىلى) 

1940-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم ۋە ھەجۋىي رەسىم : سەت ئۆردەك چۈجىسى (1939-يىلى) 

1941-يىلى : ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، « فانتازىيە » (1940-يىلى) 

1942-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون قولى تىرنىقى (1941-يىلى) 

1943-يىلى : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : يۈز ئەينىكى (1942-يىلى) 

1949-يىلى : ئەڭ ياخشى قىسقا، ئىككى توملۇق : سېئىل ئارىلى (1948-يىلى) 

1949-يىلى : ئوۋېن . تاربېگ خاتىرە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ( شەرەپ ) 

1951 : ئەڭ ياخشى قىسقا، ئىككى توملۇق : قۇندۇز (1950-يىلى) 

1952 : ئەڭ ياخشى قىسقا، ئىككى توملۇق : تەبىئەتنىڭ يېرىم ئىنگلىز مو (1951-يىلى) 

1953 : ئەڭ ياخشى قىسقا، ئىككى توملۇق : سۇ قۇشلىرى (1952-يىلى) 

1954 : ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم : قۇملۇقتىكى تۇرمۇش (1953-يىلى) 

1954 : ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم، قىسقا مۇددەتلىك تېما : ئالياسكا ئېسكىموسلار (1953-يىلى) 

1954 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : دۇدۇ قاراۋۇلى ئىلىكتىر ئىدارىسى ۋە گۈللىنىشى (1953-يىلى) 

1954 : ئەڭ ياخشى قىسقا، ئىككى توملۇق : دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ (1953-يىلى) 

1955 : ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى : يوقالغان يايلىقى (1954-يىلى) 

1956 : ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم ، قىسقا مۇددەتلىك باش تېما : ئەرلەر شىمالىي قۇتۇپتا 

1959 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىمى، راست ئادەم تېما : چوڭ جىلغىسى 

1969 : ئەڭ ياخشى كىنو فىلىم، كارتون فىلىم : كىچىك ئېيىق ۋېينى ۋە بوران چىققان كۈنى 

ۋالتېر دېسنىيدىسنىي چاشقان بىلەن ئۆردەككە ئەگىشىپ ئاللىقاچان ئائىلىلەرگە كىرىپ بولغان، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كىنو كەسپى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ماگنات، ئۇ جۇڭگونىڭ « قار مەلىكە »، « قونچاقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى » قاتارلىقلار نۇرغۇن داڭلىق كىنو، يەنە مىككىي قاتارلىق كارتون ئوبرازلار شۇنداقلا دىسنىي شادلىق باغچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي تېمىلىق شادلىق باغچىسى ئۈستىگە ئالغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى « دىسنىي سېھىرلىك دۇنيا » ( ئەسلىدە يەنە ) غا رىياسەتچىلىك قىلغان. سانسىزلىغان ئامېرىكا خەلقى ئۇنى مەڭگۈ ئۇنىتمايدۇ. ئۇ 56 ئوسكار مۇكاپاتىغا، يەتتە ئېممى مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. ۋالتېر دىسنىي دۇنيادىكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئادەم. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#