بامبۇك

بامبۇك تۈرىدىكىلەر كۆپىنچە ئىللىق، نەم كىلىمات، ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونى بامبۇك ئورمان بايلىقىنىڭ بىرى. دۇنيا بويىچە بامبۇك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 70، ئۇرۇقدىشى 200 خىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى بامبۇك
تارقالغان رايونلار تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ، مۆتىدىل بەلباغ رايونلاردا
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى باشاقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى بامبۇك ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى
تۈرى بامبۇك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇپۇرمىقى 

بامبۇكبۇ بىر خىل تېز يېتىلىدىغان تىپلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، بامبۇك يوپۇرمىقى تار تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 5 . 7 ~ 16 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 1 ~ 2 سانتىمىتىر، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىپ، تۈۋى قىسمى دىقماق شەكىللىك، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 مىللىمىتىر، گىرۋىكى تەرەپكە بىر قەدەر تەكشى سىللىق، يەنە بىر تەرىپىدە كىچىك ھەرە چىشىسىمان ھەم يىرىك بولىدۇ؛ يوپۇرماق يۈزى قېنىق يېشىل، تۈكسىز، تاقىر ، تەسكەي تەرىپىنىڭ رەڭگى بىرقەدەر سۇس، تۈۋى قىسمى تۈكلۈك؛ نېپىز ھەم بىر قەدەر چۈرۈك. بامبۇك نوتىسى ئۇزۇنلۇقى 10 دىن 30 سانتىمېتىر، يېتىلگەن ياپيېشىل بامبۇكنىڭ ئىچ-ئىچىدىن بوغۇم سانى ئادەتتە ئوندىن 15 كىچە ئارىلىقىدا بولىدۇ.

چېچىكى 

بامبۇك چېچىكى خۇددى باشىقى بىنەپشە رەڭلىك گۈلگە  ئوخشاش، ھەر بىر تال سۆسۈن رەڭلىك گۈل، ھەممىسى 3 تال ئاتىلىق ۋە بىر تال گۈل ئىچىدە ئانىلىق يوشۇرۇنغان، ئۇ ئاتىلىق گۈل چېڭى دەل ئانىلىق بوينىغا سۈركەپ، ئۇرۇق شەكىللەندۈرىدۇ، كۆپەيتىش ئارقىلىق، يېڭى بامبۇك ئۆستۈرۈلىدۇ. چېچەكلىگەندىن كېيىن بامبۇك ۋە بامبۇك يوپۇرمىقلىرىنىڭ ھەممىسى سارغىيىپ قۇرۇپ كېتىدۇ. 

يەر ئاستى غولى 

بامبۇكبامبۇك يەر ئاستى غولى توغرىسىغا ئۆسكەن، ئارىلىقلىرى سەل بوش ھەم زىچ، نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن چاچما يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىدۇ ۋە بىخلىنىدۇ. بەزى بىخ بامبۇك نوتىسى يېتىلىپ يەر يۈزىگە ئۆسۈپ چىقىپ بامبۇك بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم بىخلىرى يەر يۈزىگە ئازراق بىخ ئۆسكەندىن كىيىن توغرىسىغا ئۆسۈپ يېڭى يەر ئاستى غولى يېتىلىدۇ. 

بامبۇكبامبۇك تۈرىدىكىلەر كۆپىنچە ئىللىق، نەم كىلىمات، ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونى بامبۇك ئورمان بايلىقىنىڭ بىرى. دۇنيا بويىچە بامبۇك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 70، ئۇرۇقدىشى 200 خىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان، ئاز ساندىكىلىرى بامبۇك تۈرىدىكى تارقالغان. بامبۇك دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇرغاق پەسىل (ئاز ساندىكىلىرى بامبۇك تۈرى، يوپۇرماق تاشلايدىغان)، تېيىز يىلتىزلىق ئۆسۈملۈك، سۇ ۋە ئىسسىقلىق شارائىتىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن سەزگۈر. بامبۇك غۇلى يەردىن ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، ئەمما چوڭ دەرەختەك ئېگىز ئۆسىدۇ، ئەمما چوڭ دەرەختەك توم ئۆسمەيدۇ.[0]

بامبۇكئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە بامبۇكنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى بامبۇكلارنىڭ كاۋاك غولى كۈنىگە 40 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ ، تولۇق ئۆسۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئىگىزلىكى 35-40 مېتىرغا يىتىدۇ. بامبۇكنىڭ بۇنداق تىز ئۆسۈشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىنىڭ بىرىلا ۋاقىتتا ئۆسكەنلىكىدىندۇر. ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچىدىكى بۆلگۇنچى توقۇلمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشى ۋە چوڭىيىشىغا تايىنىپ ئۆسىدۇ، لېكىن بامبۇكنىڭ ئۆسۈشى بۇنىڭغا ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭ بۆلگۈنچى توقۇلمىلىرى ئۇچى قىسمىدا بولۇپلا قالماستىن ھەر بىر بوغۇملىرىدىمۇ بولىدۇ. بىز بىر تال بامبۇك نوتىسىنى كولىۋېلىپ ئۇنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىككىگە پارچىلايدىغان بولساق، ئىچىدىكى بامبۇك بوغۇملىرىنىڭ خۇددى بىر قىسىلغان پۇرژىندەك چىڭ قىسىلغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ مۇنبەت تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ، ئىللىق نەم ھاۋاغا يولۇققاندا ھەر بىر بوغۇمدىكى بۆلگۈنچى توقۇلمىلار ئۈزلۈكسىز يېڭى ھۈجەيرىلەرنى پەيدا قىلىدۇ ، نەتىجىدە قوشنا بوغۇملار ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقلار تەدرىجىي ئۇزراپ بارىدۇ، ئەگەر ھەربىر بامبۇك نوتىسىدا 60 بوغۇم بار دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ 60 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ ، بامبۇكنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بامبۇك بوغۇملىرىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان غىلىپى چۈشۈپ كېتىپ، بامبۇكمۇ ئۆسۈشتىن توختايدۇ.

بامبۇكبامبۇك چېچەكلىگەندىن كىيىن قۇرۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر مەلۇم مەزگىل ئۆسكەندىن كېيىن چېچەكلەپ ، مېۋىلەپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ، بۇ بىر ياشاش دەۋرىيلىكىنى تاماملاش دەپ ئاتىلىدۇ ، لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش دەۋرىيلىكى ئوخشىمايدۇ ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش دەۋرىيلىكىگە بىر يىل كېتىدۇ ياكى بىر يىل بولمايلا تاماملىنىدۇ ، بۇ بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. 

مەسىلەن ، شال بەزى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر ياشاش دەۋرىيلىكىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىككى يىل ياكى ئىككى يىلدىن ئارتۇقق ۋاقىت كېتىدۇ . بۇ ئىككى يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ، لوبۇ ، بەزى ئۆسۈملۈكلەر بىرقانچە يىل ئۆسكەندىن كېيىن ئاندىن بىر ياشاش دەۋرىيلىكنى تاماملايدۇ . بۇ كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ ، مەسىلەن ، ئادەمگىياھ. 

بامبۇكلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قىتىم چېچەكلەيدىغان كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈككە كىرىدۇ . دېمەك بامبۇك كۆپ يىللىق ئۆسۈشنى باشتىن كەچۇرگەندىن كېيىن ، ئۇمۇ خۇددى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاشلا چېچەكلەيدۇ ، لېكىن ئۇ پوتۈن ھاياتىدا پەقەت بىر قىتىملا چېچەكلەيدۇ ، ئۈنىڭ ئۈستىگە چېچەكلەپلا قالسا ئۆلىدۇ. 

بىراق بامبۇكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يىشىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، بەزى بامبۇكلار بىر قانچە ئون يىل ئۆسسىمۇ يەنىلا بۇك باراقسان ھەن ياپيىشىل تۇرىدۇ ، لېكىن بەزى بامبۇكلار بىر قانچە يىل ئۆسۈپلا يوپۇرماقلىرى قۇرۇشقا باشلايدۇ، ئاخىرىدا ئىلاجسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. 

بامبۇكنىڭ چېچەكلىشىنىڭ سەۋەبىمى تېپىش ئۈچۈن، بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: بامبۇكزارلىق ئىچىگە سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ، يامغۇر سۇيىنىڭ تۇپراققا سىڭىشىنى توسۇش ياكى بامبۇكزرالىقنىڭ توپىسىنى كولاپ كۈن نۇرىغا قاقلاش ئارقىلىق بامبۇكلار قۇرۇق ھالەتتە تۇرغۇزۇلغان، بۇنداق قىلغاندا بامبۇك چېچەكلىگەن. بۇنىڭدىن بامبۇكنىڭ ئېچىلىشنى ياشاش موھىتىنىڭ ئۆزگىرىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 

بامبۇك چېچەكلىگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆپلەپ چېچەكلەشكە باشلايدۇ ھەمدە بامبۇكزارلىق تۇتاش قۇرۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بامبۇكزارلىق ياكى بامبۇك توپى قارىماققا ئۆزئارا قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يەر ئاستى غولى-بامبۇك قامچىسى بىر-بىرىگە تۇتاش بولىدۇ، يەر ئاستىدا بامبۇك بىلەن بامبۇك ئوتتۇرسىدىكى چىرماسما يىلتىزلار چىگىلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇلار ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرمۇ ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بامبۇكلارنىڭ ھايات-ماماتلىقى تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#