ماناس دەرياسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تاغنى مەنبە قىلغان تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شىمالغا قاراپ ئېقىپ، ماناس كۆلىگە قوشىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دەريادا تاغلىق-بوستانلىق- چۆللۈك سىستېمىسى بار، يەر يۈزى جەريانى مۇرەككەپ. بۇ ۋادىدا ئاساسلىق ئېقىن سۇلار ئېگىز تاغلىق رايوندىكى قار-مۇز سۈيى ۋە يۇقىرى ئېقىنىدىكى ھۆل-يېغىندىن كىلىدۇ. يۇقىرى ئېقىنىدا جىلغا بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا سۇ ئېقىمى شىددەتلىك ئاقىدىغانلىقى سەۋەبلىك تۆۋەن ئېقىندا دەريا ئەگىملىرى يېتىلگەن، تۈزلەڭلىك كەڭ ھەم تەكشى، ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى سۈزۈك سۇ دەرياسى. سۇچىلىق 1949-يىلىدىن كېيىن،دەريادا سۇ ئامبىرى ياسالغان، بۇنىڭ بىلەن سۇ ئامبار ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، داڭلىق پاختا ۋە ئاشلىق چىقىدىغان جاي بولۇپ قالغان. كان بايلىقى ماناس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنغا يوشۇرۇنغان.
دەريانىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 450 كىلومېتىر كېلىدۇ. يۇقىرى ئېقىنىدا سۇ جىددىي ئاقىدۇ، جىلغىلار كۆپ، تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىكلەر تەكشى. ئازادلىقتىن كېيىن سۇ ئامبىرى ياسالغان، سۇ ئامبىرىنىڭ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان، پاختا، ئاشلىق چىقىدىغان مەشھۇر جاي. شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ماناس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.
ماناس دەرياسى شىمالىي تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى ئىرەنقابىرغا تېغى ئۇدايكىن دەرياسى 43-نومۇرلۇق مۇزلۇقى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 420 كىلومېتىر، ماناس دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز ئىچىگە ئالغان دەريا مەنبەسى رايونلىرى 800 پارچە مۇزلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان، مۇزلۇق كۆلىمى 80 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ماناس دەرياسى — جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى مۇزلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.