ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش بولسا-ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى. بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى، بەزى كېسەللىكنىڭ ئىرسىي ھالدا داۋاملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش
خەنزۇچە نامى 遗传筛查
رولى ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
تۈرگە ئايرىش ئالاھىدە تەكشۈرۈش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈشئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش بولسا-ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى. بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى، بەزى كېسەللىكنىڭ ئىرسىي ھالدا داۋاملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىرسىي داۋاملىشىدۇ.

ئىككى جەھەتتىكى ئىرسىي داۋاملىشىش

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش1. يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى، كىشىلەر ئىچىدە يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. مەسىلەن، يالغۇز ئاتسېتون كېسەللىكىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى نىسبىتى 1/10000، بىراق ئەگىشىپ كەلگەن ئارىلاشما كېسەللىكنىڭ بولسا 1/50 بولۇپ، ئارىلاشماي، ساپ داۋاملاشقان كېسەللىكنىڭ 20 ھەسسىسى قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرنى، ئادەتتە ئارىلاشما توپولياتسىيە قىلىپ سۈزۈپ تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت بىمارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى ئوبيېكتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

2. خىروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنى. خىروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنىدا ئىرسىي ماددىنىڭ يوقىلىشى بولۇپ، خىروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنى كېسەل ھالىتىدە ئىپادىلەنمەيدۇ، بىراق خىروموزوما نورمالسىز تۇغۇلىدىغان بوۋاقنىڭ نىسبىتى 50% دىن ئېشىپ كەتسە، ھەتتا 100% گە يەتسە، ئۆلۈك بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.

نۆۋەتتە دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1. باش سۈيى قېپىنى تېشىش ئارقىلىق باش سۈيىنى تەكشۈرۈش. ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، باش سۈيى ھۈجەيرىسى يېتىلىپ 10 ھەپتىدىن 18 ھەپتىگىچە بولغاندىن كېيىن خىروموزومىنىڭ يادرو شەكلى ئارقىلىق، ئانالىز قىلىپ، ماددا ئالمىشىش جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ.

2. تىۋىتلارنىڭ تىرىك توقۇلمىسىنى تەكشۈرۈش. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ خىل تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ، ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشى ۋە خىروموزومىنىڭ يادرو شەكلىنى ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ.

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش3. باش سۈيى قېپىغا ھامىلىنى رادىئوگرافىيىلەشتۈرۈش(سايىلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىش) . ئادەتتە، ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ غەيرىي بولۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھامىلىنىڭ قۇلىقىنىڭ كىچىك بولۇشى، بىر كۆزلۈك بولۇشى، بېشىنىڭ كىچىك بولۇشى، ھامىلىنىڭ ئىششىق تۇغۇلۇشى قاتارلىقلار.

4. ھامىلىنى لىنزا ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ھامىلە ۋە بالا ھەمراھىنى تەكشۈرۈش، باش سۈيىنى ئېلىش، ھامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى ئېلىش ۋە ھامىلىنىڭ تېرىسىنىڭ تىرىك توقۇلمىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

5. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش. ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىدىن كېيىن مۇھىم ئەزالار كۆرۈنەرلىك ھالدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلى ۋە ئەزالىرىدىكى غەيرىيلىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

6. كىندىك ۋېناسىنى تېشىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش: ھامىلىدار بولۇپ 18 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئېلىپ بارغاندا، ھامىلىنىڭ قان ئازلىق، ماددا ئالمىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كېسەللىكلىرىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

7. ھامىلىنىڭ كاردىيوگرامما رەسىمى يۈرەك ھەرىكىتى رەسىمى تەكشۈرۈش، ھامىلىنىڭ يۈرەك قۇرۇلمىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئېنىقلاپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە بالدۇر دىياگنوز قويۇشقا پايدىلىق.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش

http://baike.baidu.com/view/95303.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#