مائۇلئۇسۇل جەۋھىرى
مائۇلئۇسۇل جەۋھىرى ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەپ، ئىششىق ياندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ سېرىق رەڭلىك ياكى ساغۇچ قوڭۇررەڭلىك دانىچە بولۇپ،تەمى تاتلىق.
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
ئۇرۇقسىز ئۈزۈم | 180 گرام | ئىزخىر | 36 گرام | كەرەپشە يىلتىزى | 90 گرام |
بوزىدان | 27 گرام | بەدىيان يىلتىز پوستى | 90 گرام | ئادىراسمان ئۇرۇقى | 27 گرام |
بىخ كەبىر | 45 گرام | جىنتىيانا | 24 گرام | كەرەپشە ئۇرۇقى | 36 گرام |
دارچىن | 24 گرام | رۇم بەدىيان | 36 گرام | ھەببىلسان | 18 گرام |
ئارپا بەدىيان | 36 گرام | ئاسارۇن | 18 گرام |
يۇقۇرىدىكى 14 خىل دورىنى يىرىك سوقۇپ، سۇ قوشۇپ، 12 سائەت چىلاپ،3 قېتىم قاينىتىمىز،ھەر قېتىمدا 1 سائەتتىن قاينىتىپ، قاينىتىلمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ،مۇۋاپىق مىقداردا سۇپۇپى شېكەر قوشۇپ يۇغۇرۇپ، دانچىلاپ، قۇرۇتۇپ، 1000 گرام جەۋھەر تەييارلىنىدۇ.
سۈيدۈك يولى ۋە كۆپىيىش سېستىمىسى ئەزالىرى ياللۇغى، دوۋسۇندىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا جەۋھەر ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IC) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.