دۆلەت

دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن سىنىپنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلارغا دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشتىكى قۇرالى. دۆلەت ئاساسلىقى ئارمىيە، ساقچى، سوت، تۈرمە قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

ئۇيغۇرچە دۆلەت
ئىنگىلىسچە country
خەنزۇچە 国家
تۈرى جۇغراپىيە-سىياسى ئاتالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن سىنىپنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلارغا دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشتىكى قۇرالى. دۆلەت ئاساسلىقى ئارمىيە، ساقچى، سوت، تۈرمە قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

دۆلەت تۈزۈلمىسى دۆلەتنىڭ سىنىپىي خەرەكتىرى بۇلۇپ، ئۇ جەمىيەتتىكى سىنىپلارنىڭ دۆلەتتە ئىگىلىگەن ئورنىنى، يەنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قايسى سىنىپنىڭ قولىدا ئىكەنلىنى، ھۆكۈمىران سىنىپلارنىڭ قايسى سىنىپلار بىلەن بىرلىشىپ، قايسى سىنىپقا ھۆكۈمىرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تارىختىن بۇيان قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت، فيۇداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت، كاپىتالىستىك دۆلەت، سوتسىيالىستىك دۆلەتتىن ئىبارەت تۆت خىل دۆلەت تۈزۈلمىسى بولغان.

ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، يەنى مۇئەييەن تارىخى شارائىتتا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قايسى خىلدىكى ھاكىمىيەت تەشكىللەش شەكلىنى قوللۇنۇپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي شارائىت، سىنىپىي كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىق تۈپەيلىدىن، دۆلەت تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قوللىندۇ.

دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى كىم كىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەسىلىسى. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى ھۆكۈمرانلىقنى قانداق يولغا قۇيۇش مەسىلىسى. دۆلەت تۈزۈلمىسى مەزمۇن، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى شەكىل. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەزمۇن بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھىسابلىنىدۇ. دۆلەت تۈزۈلمىسى دۆلەتنىڭ ماھىيىتى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت ماھىيىتىنىڭ ئپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ. كونكرېت ئېيىتقاندا، دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپتىن كۆرۈلىدۇ: بىرى، دۆلەت تۈزۈلمىسى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەلگۈلەيدۇ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە باپ كىلىشى كىرەك. يەنە بىرى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى نىسپىي مۇستەققىل بۇلىدۇ، ئۇ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە زور دەرىجىدە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ، دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورگىنى. يەنى دۆلەتنىڭ مەمۇرى خىزمەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ئورگان. ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىش شەكلى، نامى ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق ھەربىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى شۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت خارەكتىرىگە ماسلاشقان بۇلىدۇ. ھۆكۈمەت سىنىپىي دىكتاتۇرىنىڭ مۇھىم بىر قۇرالى. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئاساسەن مەركىزىي ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەت دەپ ئايرىلىدۇ.

دۆلەت بايرىقى دۆلەتنڭ سىمۋولى بولغان بايراقنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت بايرىقى ئادەتتە ئىگىلىك ھوقۇقنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى، سۈرەتلىرى ۋە ئىشىلتىلىش ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇندا ياكى مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇلىدۇ.

دۆلەت بەلگىسى دۆلەتنىڭ بەلگىسى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئىشىلتىش ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇندا ۋە مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇلىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەركىزىي ۋە يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرىغا يىغىن مۇراسىم، مۇراسىم زاللىرىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە ئېسىلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇھىم خەت – ئالاقىلىرىدە، دۆلەتلەر ئارا ھۆججەتلەردە، ھۆكۈمەت تارقاتقان شان- شەرەپ گۇۋاھنامىلاردە، پۇل قاتارلىقلاردا دۆلەت بەلگىسىنىڭ سۈرىتى بۇلىدۇ.

دۆلەت شېئىرى بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ياكى قوللىنىۋاتقان، شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇزىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت شېئىرى ئادەتتە مۇھىم يىغىنلاردا ياكى خەلقئارا ئالاقىلەردىكى مۇراسىملاردا ئورۇنلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىززەت- ئېكرامى ئىپادىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#