iPhone 4
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
iPhone 4 ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.
ئېكرانى : 3.5 دىيۇم، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 960× 640 326ppi؛
كەينى تەرىپىدىكى كامېرا : 5 مىليون پىكسېللىق؛ ئالدى تەرىپىدىكى كامېرا: 300 مىڭ پىكسېللىق؛
ئۇلىنىش ئىقتىدارى : GSM model: Quad band(850/900/1800/1900 MHz)، UMTS/7.2 Mbps HSDPA (850, 900, 1900, 2100 MHz)، GPRS/EDGE؛ CDMA model: ( Dual band CDMA/EV-DO Rev. A (800, 1900 MHz
ئىنتېرنېت شەكلى: GSM، WCDMA
قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى : G2: GSM 800/850/900/1800/1900 ؛ G3: WCDMA 850/900/1900/2100MHz
سانلىق مەلۇمات كەسپى : GPRS، EDGE، HSDPA، CDMA 1X،EVDO REV.A
تېلېفون خاتىرسى : قوبۇل قىلىنغان تېلېفون + ئۇرۇلغان تېلېفون + قوبۇل قىلىنمىغان تېلېفون
قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك ئۇچۇر، ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى، مۇھىت شەكلى، كۈتۈش رەسىمى، تېما تىزىملىكى، كەلگەن تېلېفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش، كەلگەن تېلېفوننىڭ رەسىمىنى پەرقلەندۈرۈش، كالېندار ئىقتىدارى، قوڭغۇراقلىق سائەت ئىقتىدارى، ھېسابلىغۇچ، بىرلىك ئالماشتۇرغۇچ.
ئالما شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئۈچ ئەۋلاد مەھسۇلاتىغا سېلىشتۇرغاندا iPhone 4 نىڭ ئىقتىدارى ھەر جەھەتتىن ئىلغارلاشتۇرۇلغان. GHz1 لىق ئالما A4 بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، 3.5 دىيۇم، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 960× 640 326ppi بولغان ئېكران سەپلەنگەن.
G16 ۋە 32G
iPhone 4 نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، G16 نىڭ ئىككى يىللىق توختاملاشقان باھاسى 199 ئامېرىكا دوللىرى، 32G نىڭ 299 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 1930 خەلق پۇلى)؛
قۇلۇپلانمايدىغان نۇسخىدىكىسىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى، G16 نىڭ باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى، 32G نىڭ 599 ئامېرىكا دوللىرى.
iPhone 4iPhone 4 بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئاستى سول تەرەپنى بېسىپ تۇرغاندا ئالاقە سىگنالى ئاجىز بولۇش ۋە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى بايقالدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ نوپوزىنى باھالاش ئورگىنى «ئىستىمالچىلار دوكىلاتى» دا iPhone 4 نىڭ لايىھەسىدە نۇقسان بار دەپ قاراپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلمىدى، بۇ ئالمىنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزدى. iPhone 4 غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كۈنسېرى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئالمىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوبىس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى iPhone 4 نى ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقسىز يانفون قېپى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، جوبىس: « بىز مۇكەممەل ئەمەس، يانفونمۇ ھەم شۇنداق» دېدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىشىچە، ئالما سەرپ قىلغان كاپىتال 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆپلىگەن مېدىيەلەر iOS 4 دا كۆك چىش نائۇشنىكىنى ئىشلەتكەندە ياكى ماشىنا سىستېمىسىدا دائىم ئۈزۈلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى، مەشغۇلات سىستېمىسى iOS 4 نىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ئانتېننانىڭ مەسىلىسىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرلا بۇ خىل مەسىلىگە يولۇققان، ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاساسەن ئەسلى سىگنال ياخشى بولمىغان جايلاردىلا بۇ ئەھۋالغا يولۇققانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. بۇ مەسىلە iPhone 4 سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 4S نى ئېلان قىلىپ، ئانتېننا قىسمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، ھەمدە ئالاقە قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.