كولۇمبىيە

كولومبىيە

كولۇمبىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى. ئۇنىڭ ‹‹ئالتۇن دۆلىتى›› دېگەن نامىمۇ بار.  جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە ۋېنېزۇئېلا، شەرقى جەنۇپتا برازىلىيە بىلەن قوشنا، جەنۇبتا پېرۇ بىلەن، غەربى جەنۇپتا ئېكۋاتور بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى پاناما بىلەن چېگرىداش، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا، غەرىبتە تىنچ ئوكيانغا قارىشىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى كولۇمبىيە 哥伦比亚
ۋاقىت رايونى UTC-5
دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 40.74 ئادەم/ كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 哥伦比亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتەسى
پايتەختى بوگوتا
نوپۇسى 48 مىليون 93 مىڭ(2014-يىل)
يەر مەيدانى 1مىليون 141 مىڭ 748 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كولومبىيەكولۇمبىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى. ئۇنىڭ ‹‹ئالتۇن دۆلىتى›› دېگەن نامىمۇ بار.  جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە ۋېنېزۇئېلا ، شەرقى جەنۇپتا بىرازىلىيە بىلەن قوشنا، جەنۇبتا پېرۇ بىلەن، غەربى جەنۇپتا ئېكۋادور بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى پاناما بىلەن چېگرىداش، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا، غەرىبتە تىنچ ئوكيانغا قارىشىپ تۇرىدۇ. كولۇمبىيەنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 141 مىڭ 748 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 48 مىليون 93 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندى ـ ياۋروپا ئارىلاش قان تىپىدىكىلەر %60 نى , ئاق تەنلىك ئىسپانلار %20 نى، ئەق قارا تەنلىكلەرنىڭ شالغۇت ئەۋلادلىرى %14 نى، قارا تەنلىكلەر %4 نى، قارا تەنلىكلەر ۋە يەرلىك ئىندىئانلاردىن بولغان شالغۇتلار %3 نى، ئىندىئانلار %1 نى  ئىگىلەيدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى. %90 ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مۇستەقىللىق كۈنى ۋە دۆلەت بايرىمى كۈنى 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى. پايتەختى بوگوتانىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 776 مىڭ. يىللىق ئوتتۇرىسىچە تېمېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گرادۇس. 

كولومبىيە قەدىمكى دەۋەردە كولۇمبىيە چېگراسى ئىچىدە يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان چېپچا مىللىتى ۋە باشقا ئىندىئان قەبىلىلىرى ياشىغان. 1536 ـ يىلى كولۇمبىيە زىمىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، يېڭى گراننادا دەپ ئاتالغان. 1810 ـ يىل 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئىسپانىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن باستۇرۇلغان. 1819 ـ يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەقىللىق ئاتىسى سىمون بولىۋار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلار بوياكا جېڭىدە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كولۇمبىيە قايتا ئازادلىققا ئېرىشكەن. 1821 ـ يىلىدىن 1822 ـ يىلىغىچە ھازىرقى ۋېنېزۇئېلا، پاناما ۋە ئېكۋادور بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1829 ـيىلىدىن 1830 ـ يىلىغىچە ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئېكۋادور ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بۈيۈك  كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىدىن چېكىنىپ چىققان. 1831 ـ يىلى يېڭى گراننادا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1886 ـ يىلى دۆلەت نامى كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى قىلىپ  بېكىتىلگەن. 1903 ـ يىلى پاناما ئۆلكىسى ئامېرىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كولۇمبىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. كولۇمبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، لىبېرالىستلار پارتىيەسى بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتقان.

2002 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئالۋارۇ ئۇرىبى چو سايلامدىكى تۇنجى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا %50 تىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ كولۇمبىيەدىكى ئىككى چوڭ ئەنئەنىۋى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتۇشتەك سىياسىي ۋەزىيەتكە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن كولۇمبىيەدە تەدرىجى ھالدا دىموكراتىك تۈزۈلمە مۇكەممەللىشىكە باشلىغان.

كولومبىيەكولۇمبىيەنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 141 مىڭ 748 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە ۋېنېزۇئېلا ، شەرقى جەنۇپتا بىرازىلىيە بىلەن قوشنا، جەنۇبتا پېرۇ بىلەن، غەربى جەنۇپتا ئېكۋادور بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى پاناما بىلەن چېگرىداش، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا، غەرىبتە تىنچ ئوكيانغا قارىشىپ تۇرىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

كولومبىيەكولۇمبىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى سېرىق ، كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك ئۈچ دانە پاراللېل تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. سېرىق رەڭلىك بۆلىكى بايراقىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. سېرىق رەڭلىك بۆلىكى بايراقىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك بۆلىكى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بايراقنىڭ 14 نى تەشكىل قىلىدۇ. سېرىق رەڭ ئالتۇن رەڭ قۇياش، دانلىق زىرائەت ۋە مول تەبىئىي بايلىقىغا؛ كۆك رەڭ ئاسمان، دېڭىز ۋە دەريالارغا؛ قىزىل رەڭ ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تۆككەن قېنىغا سىمۋول قىلىنغان.

دۆلەت گېربى 

كولومبىيەدۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ئەركىنلىك بۆكى» ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. گېربنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى مۇنبەتلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئىككى دانە قوي مۈڭگۈزى بار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ئانار بار. كولۇمبىيە ئىلگىرى «يېڭى گراننادا جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان،«گراننادا»دېگەن سۆزنىڭ ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى «ئانار». گېربنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى نۇسخىدا كولۇمبىيەنىڭ غەربتە تىنچ ئوكيانغا، شىمالدا كارىب دېڭىزىغا يېقىن ئىكەنلىكى سۈرەتلەنگەن. گېربنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدىكى لائۇر دەرىخىنىڭ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەكنى چىشلەپ تۇرغان ئامېرىكا ۋۇلتۇر گرىفۇس بۈركۈتى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە شان ـ شەرىپىنىڭ سىمۋولىدۇر. بۈركۈت سىقىمدىۋالغان لېنتىغا ئىسپان يېزىقىدا «ئەركىنلىك، تەرتىپ» دېگەن سۆز يېزىلغان، بۇ تەرتىپ ئاستىدا ئەركىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. گېربنىڭ ئىككى يېنىغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىككى دانە دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان.

كولومبىيەكولۇمبىيە جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاڭ دەسلەپ ئېچىلغان زېمىننىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما ئىزچىل مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇپ كەلگەچكە تەرەققىيات پۇرسىتى ياخشى بولماي كەلگەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەسىيىپ كولۇمبىيە ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشغا ئەگىشىپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولغان كولۇمبىيە خېلى ياخشى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. كولۇمبىيە ئىقتىسادىدا قەھۋە، گۈلچىلىك، بانان، گۈرۈچ، تاماكا، قوناق، شېكەر قومۇشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى مىللى دارامەتنىڭ %10 ىنى، توقۇمىچىلىق، يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، نېكىل ۋە كۆمۈر قېزىشنى ئاساس قىلغان كانچىلىق قاتارلىق سانائەت %37 نى، مۇلازىمەت %53 نى ئىگەللەيدۇ.  

2010-يىلى كولۇمبىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 285 مىلىيارد دوللار يىللىق ئېشىشى %4.3 بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 9800 دوللار توغرا كەلگەن.  مۇقىم تېلېفون ئابونتى 7 مىليون 520 مىڭ، يانفون ئابونتى 43 مىليون 120 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 23 مىليون 110 مىڭ بولغان، كولۇمبىيەنىڭ خەلقارا تور نامى ئاياقلاشمىسى .co .

 كولۇمبىيەنىڭ پۇلى كولۇمبىيە پېسوسى بولۇپ 2010-يىلى بىر دوللار = 1.869 پېسو بولغان.

كولومبىيە1980 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ  7 ـ كۈنى كولۇمبىيە ئېلىمىز جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005 ـ يىلى 4 ـ ئايدا زۇڭتۇڭ ئالۋارۇ ئۇرىبى ئېلىمىزدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2005 ـ يىلى 5 ـ ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن كولۇمبىيەدە دوستانە زىيارەتتە بولغان. 2009   ـ يىلى 2 ـ ئايدا ئېلىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كولۇمبىيەدە دوستانە زىيارەتتە بولغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#