كۇبا ئازادلىق ئۇرۇشى

بۇ 1868- يىلىدىن 1896- يىلىغىچە كۇبا خەلقنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

نامى كۇبا ئازادلىق ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئىسپانىيە، كۇبا ئىنقىلابى ئارمىيەسى، ئامېرىكا
ۋاقتى 1868-يىلىدىن 1898-يىلىغىچە
خەنزۇچە نامى 古巴独立战争
باشقا ئاتىلىشى كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
ئورنى كۇبا
نەتىجىسى 1902-يىلى 5-ئايدا، كۇبا رەسمىي مۇستەقىل بولدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇبا ئازادلىق ئۇرۇشى16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى كۇبانى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. 19- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا ئىسپانىيە پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇستەملىكلىرىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن، كۇبا خەلقىنى قۇل قىلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. كۇبانىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپ، ئىگىلىكى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈنسايىن ئېشىپ بارغان كۇبا خەلقى ئاخىر 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 30 يىل داۋاملاشقان ھەيۋەتلىك كۇبا ئازادلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈندى.

 بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش ئون يىللىق ئۇرۇش ياكى بىرىنچى قېتىملىق كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ (1868-1878) . 1868- يىلى ئىسپانىيىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئىلزابىلا 2 نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. ھۆكۈمران دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش كۇبا خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەردى. 10- ئاينىڭ 10- كۈنى كۇبانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئورىيېنتى ئۆلكىسىنىڭ مائېستىرا تاغلىق رايونىدىكى ئېكىنزار خوجايىنى، ئادۋوكات سېسپېددس يارا كەنتىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى قوزغىلاڭچىلار يارا ختابنامىسى ئېلان قىلىپ، كۇبانىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككىنچى يىلى 4- ئايدا يەنە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت «ئەركىن كۇبا» قۇرۇلدى. سېسپېددس جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېنىق جاكارلاندى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېز ئۇلغىيىپ، ئادەم سانى 26 مىڭغا يەتتى. تەسىر كۈچى شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ ئۆلكىگە تارالدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئاگرامونتر، گومايس ۋە مارسېئولارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ ئىسپانىيە مۇنتىزىم ئارمىيىسى ۋە كۇبا ئەكسىيەتچىل قوراللىق قوشۇن «ئالاھىدە ھەرىكەت ئەتىرىتى» گە قارشى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇم لىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى. 1874- يىلى ئىسپانىيە بوربۇن سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، كۇبا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياردەمچى قوشۇنلارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە پايدىسىز ئامىل يۈز بېرىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ دېڭىزدىكى تەمىنات لىنىيىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. سېسپېددىس ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆپ بولغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇستەملىكچى دائىرلىرى «تىنچلىق» ھۇجۇمىنى كۈچەيتتى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر تەۋرىنىپ قېلىپ، سۈلھى قىلىش ۋە تەسلىم بولۇش يولىغا ماڭدى. 1878- يىلى 2- ئايدا ئۇلار مۇستەملىكچى دائىرلەر بىلەن سۈلھى خاراكتىردىكى سانخۇن كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنامىدە كۇبانىڭ قوراللىق قوراللىق كۈرەشنى توختىتىدىغانلىقى، ئىسپانىيىنىڭ كۇبادا سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويىدىغانلىقى، ئومومىي كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئون يىللىق ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. بىراق، بۇ پەقەت كۇبا خەلقى بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق قىسقا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇشلا ئىدى، خالاس.

 ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش (1879-1880) كىچىك ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مارسېئو، كاسىئا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ

 سول قانىتى سانخۇن كېلىشىمىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار 1879- يىل 8- ئاينىڭ 25- كۈنى ھەر قايسى جايلاردا قوزغىلاڭ تۇغىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇرۇش ئوتى شەرقىي قىسىمدىكى ئورىيېنتې ئۆلكىسىدىن غەربىي قىسىمدىكى ھەر قايسى جايلارغا يامىرىدى. بىراق، قوزغىلاڭنىڭ ئالدىن تەييارلىقى پۇختا بولمىغانلىقى، بىر تۇتاش رەھبەرلىكى يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى 25 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇننى ئىشقا سېلىپ، 1880- يىلى 19- ئايدا قوزغىلاڭنى باستۇرۇۋەتتى، كاسىئا قولغا ئېلىندى.

  3- باسقۇچلۇق ئۇرۇش (1895-1898) كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى سانخۇن كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۇبادا ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ئەكسىچە كۇباغا قاراتقان ئىقتىسادىي تالان-تاراجنى كۈچەيتتى. كۇبا خەلقىنىڭ ھالى بارغانسېرى يامانلاشتى، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنىڭ يانغىنى ئۈزۈلمەي يېنىپ تۇردى. 1895- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئون يىل ئۇرۇش قىلغان پېشقەدەم جەڭچى مۇنكاتا شەرقىي قىسىمدىكى سانتياگو بىرىنچى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ئارقىدىنلا كۇبانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوزغىلاڭ قايناپ كەتتى. تۈرلۈك قاتلامدىكى خەلق ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى كۈرەشنىڭ شىددەتلىك ئېقىمىغا بەس-بەستە قوشۇلدى. كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى خوسسىې مارتى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئاتامانى گومايىس 3- ئايدا بىرلىكتە ئىمزا قويغان مونتىكرس خىتابنامىسىگە 1868- يىلى پارتلىغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ئىزھار قىلىندى. 4- ئايدا مارتى بىلەن گومايىس ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئورىيېنتې ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا چىقىپ، مارسىئولار قۇماندانلىق قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىسپانىيە 50 مىڭ كىشىلىك خىل قوراللانغان مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ، كۇبادا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ئەۋەتىپ، باشقۇرۇش كۈچىنى ئاشۇردى. 5- ئايدا مارتى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولدى. 10- ئاينىڭ 22- كۈنى كومەيس بىلەن مارسېئو قوشۇنلىرىنى باشلاپ، «تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش جېڭى» نى باشلاپ، كۇبا ئارىلىنىڭ شەرقىي چېتىدىكى پاراگۋادىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. 2- يىلى 1- ئايدا كۇبا ئارىلىنىڭ غەربىي چېتىدىكى مانتۇسقا يېتىپ باردى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۇلار 2310 كىلۇمېتىر مۇساپىنى باستى، 27 قېتىم جەڭ قىلىپ، 200 مىڭ كىشىلىك مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۈچ يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 1897- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئازاد قىلىپ، ئىسپانىيىنى كۇباغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. دەل كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكا كۇبانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا «ياردەم بېرىش»بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1898- يىلى 4- ئايدا ئىسپانىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئامېرىكا قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 7- ئاينىڭ 16- كۈنى كۇبانىڭ پايتەختى سانتياگونى ئىشغال قىلدى، ئىسپانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولدى. 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. ئىسپانىيە كۇبانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە دەرھال قوشۇن چېكىندۈردى. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئارمىيىسى كۇبانى ئىشغال قىلىۋالدى، كۇبا ئەمدى يەنە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدىكى دۆلەت بولۇپ قالدى.

   كۇبانىڭ 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشى زوراۋان قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلدى، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بىراق، «ئالدى ئىشىكتىن يولۋاسنى قوغلاپ چىقىرىۋەتسە، ئارقا ئىشىكتىن بۆرە كىرىۋالدى»، ئامېرىكا كۇبا خەلقىنىڭ غالبىيەت مىۋىسىنى تارتىۋالدى، ئىگىلمەس-پۈكۈلمەس كۇبا خەلقى ئەمدى يېڭى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشنى باشلىۋەتتى.

 تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 30 يىل داۋاملاشقان كۇبا ئازادلىق ئۇرۇشى داۋامىدا كەڭ خەنزۇ ئىشلەمچىلەر كۇبا خەلقى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلىپ، كۇبا تۇپرىقىغا ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزدى. كۇبادىكى ھەر قايسى ساھەلەر 1868- يىلىدىن 1898- يىلىغىچە داۋاملاشقان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى جەريانىدا باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولغان جۇڭگولۇق جەڭچىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھاۋانادىكى ئىككى جاڭ ئېگىزلىكتىكى يۇمىلاق خاتىرە تېشى ئورناتتى. خاتىرە تېشىغا : «كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى جەريانىدا جۇڭگولۇقلاردىن بىرمۇ خائىن چىقمىدى، جۇڭگولۇقلاردىن بىرمۇ قاچقۇن چىقمىدى.» دېگەن سۆزلەر ئويۇلدى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#