گال گادوت
گال گادوت (Gal Gadot)، ئۇ 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىسرائىلىيە دە تۇغۇلغان، ئىسرائىلىيە لىك ئارتىس ھەم مودېل.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گال گادوت (Gal Gadot)، ئۇ 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىسرائىلىيە دە تۇغۇلغان، ئىسرائىلىيە لىك ئارتىس ھەم مودېل.
2008-يىلى، گال گادوت (Gal Gadot) ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى Castro نىڭ باش مودېلى بولغان، كېيىن سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لوندون غا كەلگەن، ھەمدە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادى لىن لىبىن (Justin Lin) رېژىسسورلۇق قىلغان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسيات 4» ئىچىدە جىسلې (Gisele) نىڭ رولىنى ئالغان.
گال گادوت 19 ياش ۋاقتىدا 2004-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە خانقىزنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان، كېيىن يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئالدىنقى 15 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ مودېللىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
2007-يىلى گال گادوت «Maxim» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئايال» باش تېما قىلىنغان ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە چۈشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن گال گادوت نيۇيورك تىكى ئېچىلىش يىغىلىشىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، بۇ سۈرەتلەر يىغىلىش جەريانىدا پەيدا بولغاندا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بەزى تالاش-تارتىشلارنى قوزغىغان، لېكىن بۇ تالاش-تارتىش تارقىلىپ بولغىچە، گال گادوت ئاللىقاچان نيۇيورك پوچتا گېزىتىنىڭ باش بېتىگە چىقىپ بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.