جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىلغار ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى
خەنزۇچە نامى 中国共产主义青年团
قۇرۇلغان ۋاقتى 1922-يىلى
بۇرۇنقى نامى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى
قىسقاتىلغان نامى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى
قۇرۇلغان جايى گۇاڭجۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىكوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 1922-يىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىلغار ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىدى. 1925-يىلى شاڭخەيدە جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 3-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى. 1935-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلارنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغان كەڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالدى، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ئاۋانگارت ئەترىتى»، «ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسى»، «ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاۋانگارت ئەترىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلغانىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، 1946-يىلى يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلدى. 1949-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى. 1950-يىلى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىنى جۇڭگو ياشلار بايرىمى قىلىشنى قارار قىلدى. 1957-يىلى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ3-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىجۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شەرەپلىك تارىخقا ئىگە. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلىپ ۋە زورىيىپ، باشتىن-ئاخىر كۈرەشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا كۈچلۈك يېڭى قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە خىزمەت تايانچلىرىنى تەربىيىلەپ ۋە ئەۋەتىپ بەردى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە خىزمىتى مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن، خىزمەتنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىجۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ياش قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1922-يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا شى سۇنتۇڭ مەركىزىي كومىتېت شۇجىبۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.

كېيىنكى ھەر نۆۋەتلىك ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ليۇ رېنجىڭ، جاڭ تەيلېي، رېن بىشى، گۇەن شياڭيىڭ، فېڭ ۋېنبىن، خۇ ياۋباڭ، ۋاڭ جاۋگو، خۇ جىنتاۋ، سۇڭ دېفۇ، لى كېچياڭ قاتارلىقلار. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى56 مىليونغا يېتىدۇ.(1993-يىلى5-ئاي).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#