ئادىلجان سۇلايمان
ئادىلجان سۇلايمان 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان بۇلۇپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق ئەزاسى. ھازىر «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ترېىنېرى. 1986-يىلى «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان. ئۇ مەملىكىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىق تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ماھىر ھىساپلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادىلجان سۇلايمان 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان بۇلۇپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق ئەزاسى. ھازىر «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ترېىنېرى. 1986-يىلى «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان. ئۇ مەملىكىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىق تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان ماھىر ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا،كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر» دەپ ئاتالغان.
ئادىلجان كىچىكىدىن ۋاسكىتبولغا قىزىقاتتى. 1979-يىلى ئادىلجان 13 ياش ۋاقتىدا دادىسى سۇلايمان ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لىكىن ئادىلجاننىڭ بويى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، ئۇ ۋاسكىتبول سىنىپىغا كىرەلمەي ئامالسىز پۇتبول سىنىپىغا كىرىدۇ. 3 ئايدىن كىيىنكى بىر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە، ئۇ باشچىلىقىدىكى پۇتبول سىنىپى ۋاسكىتبول سىنىپىنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
«1-ئاۋغۇست» ۋاسكىتبول كوماندىسى تارىخىدا ئادىلجاننىڭ ئىسمى كوماندا ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتكەن. 1986-يىلى 3-ئايدا ،ئادىلجان «1-ئاۋغۇست» ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئەزاسى سۈپىتىدە خۇنەننىڭ چاڭشادا مەيدانغا چىققان.شۇنىڭدىن باشلاپ ،ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتى بارغانسىېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ،ئۇنىڭ نامى ئېغىزدىن- ئېغىزغا تارقالغان . 1.82 مېتىرلىق بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتى بېشىغا قىزىل لىنتا باغلاپ،5-نۇمۇرلۇق توپ كىيمىنى كەينىگىچە مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان .
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئادىلجان «1-ئاۋغۇست» كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى.ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېىنېرى، «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېىنېرى.
1986-يىلى «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان. 1886-يىلى 3-ئايدا، ئادىلجان «1-ئاۋغۇست» ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئەزاسى سۈپىتىدە خۇنەننىڭ چاڭشادا مەيدانغا چىققان. ئادىلجان «1-ئاۋغۇست» كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېىنېرى، «1-ئاۋغۇست» ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېىنېرى.
ئادىلجاننىڭ بىر ئوغلى ۋە بىر قىزى بار بۇلۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە باللىرىنى ياخشى تەربىيىلىمەكتە.
ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر» دەپ ئاتالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.