قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى

 شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى بولۇپ، قاراماي شەھىرى ۋە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى.

ئۇيغۇرچە نامى قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى
بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى
باشقا نامى قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەنە بىر نامى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى بولۇپ، قاراماي شەھىرى ۋە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق. ئۇ ھۆكۈمەت كارخانا بىر گەۋدىلەشكەن ئورۇن بولۇپ، بىر يۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئىككى خىل ۋىۋىسكا يولغا قويۇلغان. ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش، شەھەر ۋە ئىدارىنىڭ ئاساسىي مائارىپ، ئادەتتىكى مائارىپ، چوڭلار، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپى ۋە كەسپىي تېخنىكا مائارىپىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، شەھەر ۋە ئىدارىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 1984-يىلى ئەسلىدىكى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائارىپ باشقارمىسى بىلەن شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى مائارىپ باشقارمىسى ۋە قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىشىپ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش مەركىزى، مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلغان. 1992- يىلى قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1997-يىلى 4-ئايدا كارخانا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەسلىدە كارخانىغا قاراشلىق بالىلار باغچىسى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ھەمدە مۇناسىپ ھالدا ئۈچ مائارىپ كومىتېى، ئىدار مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولدى، بۇ ئورگاندا پارتكوم ئىشخانىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەمۇرىي ئىشخانا، خەنزۇ ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، مىللىي ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، كەسپىي مائارىپ بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى،

مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، قوغداش بۆلۈم، مالىيە بۆلۈمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تەرجىمە تەھرىر بۆلۈمى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت بۆلۈمى، شەھەرلىك چوڭلار مەكتىپى قاتارلىق 17 بۆلۈم ئىشخانا تەسىس قىلىنغان. ھازىر ئورگان خىزمەتچى خادىملىرى 78 نەپەر. بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنى، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ۋە 13 ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 1426 نەپەرگە يەتكەن (ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە ئىككىنى تولۇقلاش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائارىپىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#