كېپىنەك
كېپىنەك بىلەن پەرۋانە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ «ئاچا-سىڭىللار» دۇر. كېپىنەك پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 14 مىڭ خىلدىن كۆپ، كۆپ قىسىمى ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان، بولۇپمۇ ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا سورتلىرى ئەڭ كۆپ، جۇڭگودا 1200 خىلى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كېپىنەك بوغۇم ئاياغلىقلار ئائىلىسى، ھاشاراتلار سىنىپى، تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتى، مۈڭگۈزلۈك كەنجى ئەترىتىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي نامى. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 14 مىڭ خىلدىن كۆپ، كۆپ قىسىمى ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان، بولۇپمۇ ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا سورتلىرى ئەڭ كۆپ، جۇڭگودا 1200 خىلى بار. كېپىنەك ئادەتتە رەڭگى ئوچۇق، بەدىنىدە نۇرغۇن يوللۇق سىزىقلار بار، رەڭلىرى مول، قانىتى ۋە بەدىنىدە ھەر خىل چىپار داغلار بار، ئەڭ چوڭ كېپىنەكنىڭ قانىتىنىڭ ئېچىلىشى28 سانتىمىتىردىن 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ كىچىكىنىڭ 0.7 سانتىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. كېپىنەك تەرىپىدىن تۈرگە ئايرىلىشى تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتى، دۇنيادىكى نەچچە ئون مىڭ تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە. كېپىنەك بور دەۋرىدىن باشلاپ، يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرگە ئاستا يېقىنلاشقان، بۇنداق قىلىشى گۈللەرنى ئۆز-ئارا چاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن. بۇ ھاشاراتلارنىڭ كىرىش داۋامىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جانلىقلار تۈرىدۇر.
كېپىنەكنىڭ بەدەن شەكلى كۆپىنچە 5 سانتىمىتىردىن 10 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ. بەدىنى باش قىسمى، كۆكرەك، قورساق؛ ئىككى جۈپ قانات؛ ئۈچ جۈپ پۇتى، ئۇنىڭ باش قىسىمىدا بىر جۈپ بولقا شەكىللىك مۈڭگۈزى بۇلىدۇ. قانىتى كەڭ ھەم يوغان، گۈل-گىياھلارغا قونۇپ ئارام ئالغاندا، قانىتى جۈپلىنىپ تىك تۇرىدۇ، كېپىنەكنىڭ مۈڭگۈزى ئىنچىكە تاياققا ئوخشىشىدۇ، ئۇچى سەل تومراق ھەم يۇمىلاق بولىدۇ، جىسىم ۋە قاناتىدا ياپىلاق بولغان تەڭگىسىمان تۈكلەر بار. كېپىنەكنىڭ قورسىقى ئورۇقراق ھەم ئۇزۇنراق بولىدۇ.
كېپىنەك چوڭ بولغۇچە 4 باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ : ئالدى بىلەن ناھايىتى كىچىك تۇخۇم ھالىتىدە بولىدۇ؛ تۇخۇم بېسىلغاندىن كېيىن كېپىنەك قۇرتىغا ئايلىنىدۇ ؛ قىشتا كىپىنەك قۇرتى يەنە قورچاققا ئۆزگىرىدۇ ؛ باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا ، قورچاقتىن چىقىپ ،چىريلىق كېپىنەككە ئايلىنىدۇ .
كېپىنەك تۈرىدىكى لىچىنكا تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، بەزى تۈرلىرى سەل - پەل دەم ئالىدۇ، بىۋاستە يېيىش پارازىت خورلۇق ئۆسۇملۈك. بەزى تۈرلىرى بولسا ئالدى بىلەن لىچىنكا شاكىلىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆسۈملۈكتىن ئوزۇقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.