كۈنجۈت دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۈنجۈت ()
  2. كۈنجۈت (خام دورا)
كۈنجۈت

كۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. غولى تىك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇمىلاق، يۇقىرى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇم گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يالغۇز گۈل بولۇپ، ئىككى-ئۈچى توپلىنىپ يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۈنجۈت
خەنزۇچە ئىسمى 胡麻
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كۈنجۈت ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Common Flax
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى كۈنجۈت ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈنجۈت ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %61 كە يېتىدۇ. ئېلىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ كۈنجۈت ۋە كۈنجۈت مېيىدىن ئىشلەنگەن داڭلىق ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر ھەمدە ئېسىل نازۇ نېمەتلەر بار بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.

ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، غەربىي خەن دەۋرىدىكى جاڭ چيەن غەربىي رايونلاردىن ئۆتكەندە كۈنجۈتنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. ھازىرقى ئىلمىي ئاساسلارغا قارىغاندا كۈنجۈتنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن-گۈيجۇ ئېگىزلىكلىرى ئىكەن. جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى چيەن شەن ياڭدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە خارابىلىك ۋە خاڭجۇ شۈيتيەنفەندىكى تارىختىن ئىلگىرىكى خارابىلىكتىن قەدىمكى كۈنجۈت ئۇرۇقى تېپىلغان بولۇپ، كۈنجۈتنىڭ يۇرتى جۇڭگو ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

كۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. غولى تىك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن1 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇمىلاق، يۇقىرى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇم گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يالغۇز گۈل بولۇپ، ئىككى-ئۈچى توپلىنىپ يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈلى كانايسىمان كالپۇك شەكىللىك بولۇپ، سۇس قىزىل، سۆسۈن ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. سورتلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇزۇن كانايسىمان غوزا مېۋىسىنىڭ قىر سانى 4، 6، 8 قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ. ئۇرۇقى ياپىلاق ۋە يۇمىلاق بولۇپ، ئاق، سېرىق، قىزغۇچ قوڭۇر ياكى قارا رەڭلەردە بولىدۇ.

 ئاق كۈنجۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرىراق بولىدۇ. قارا كۈنجۇتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتلەردە دورىلىق رولىغا ئىگە. 

كۈنجۈت مېيى تەركىبىدە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ مىقداردىكى ماي كىسلاتالىرى بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتا مىقدارىلا %7.43 كە يېتىدۇ. بۇنى قىچا مېيى ياكى خاسىڭ مېيىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى. كۈنجۈتنىڭ غول، يوپۇرماق، گۈللىرىدىن ئاروماتىك مايلارنى چەككىلەشكە بولىدۇ. 

جۇۋازدا چىقىرىلغان كۈنجۈت مېيىنىڭ خۇش پۇرىقى مەززىلىك بولغاچقا، خەلقئارا بازارلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈنجۈتتىن ياسالغان كۈنجۈت بوتقىسى(زىماجياڭ) نىڭمۇ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا. 

كۈنجۈت گۈلىدە ھەسەل بېزى بولۇپ، قىچا، قارا بۇغداي(ئۈچ قىرلىق بۇغداي) لار بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ھەسەل مەنبەسى زىرائەتلىرى دېيىلىدۇ. سۈپىتى جەھەتتە كۈنجۈت ھەسىلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#