جىك لوندون

جىك لوندون  (1876-1916-يىللار)  ئامېرىكا يازغۇچىسى بولۇپ، ئاپتوبىئوگرافىك رومان «مارتىن ئېدىن» ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسىرى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جىك لوندون
خەنزۇچە ئىسمى 杰克·伦敦
باشقا نامى 约翰·格利菲斯·伦敦
ۋەكىللىك ئەسىرى «ياۋايىلىق چاقىرىقى»، «دېڭىز بۆرىسى»، «ئاق چىش»، «مارتىن ئېدىن»
كەسپى يازغۇچى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1876-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1916-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى سان فرانسىسكو
چەتئەلچە نامى Jack London

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتوبىئوگرافىك رومان «مارتىن ئېدىن» ئامېرىكا يازغۇچىسى جىك لوندون (1876-1916-يىللار) نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇ باش قەھرىمان مارتىن ئېدىننىڭ شەخسىي كۈرەش قىلىشىنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى ئارقىلىق، شەخسىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى ئىنكار قىلغان شۇنداقلا ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە مەنىسىزلىكىنى تەنقىد قىلغان. ماتروس مارتىن ئېدىن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئادۋوكات موسىنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ قالىدۇ. رۇسى خانقىز بۇ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، پەۋقۇلئاددە ئىدراكلىك پرولېتارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مارتىن ئېدىنمۇ رۇسىنى پاك، ئالىيجاناب، مەدەنىيەتلىك دەپ ئويلاپ، ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مارتىن ئېدىن رۇسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلغاچ، مەدىكارچىلىق قىلىدۇ. نامراتلىقىدىن بەزىدە تاماقمۇ يېيەلمەيدۇ، ئەسىرى كەينى-كەينىدىن قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەستىن، داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ «تىرىشقان ئۇزار»، كۈچلۈكلەر چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دېگەن مەنتىقىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى كۈچلۈك ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ. رۇسى گەرچە ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مارتىندىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مارتىن بۇنىڭ بىلەن ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، قەتئىي توختىماي تىرىشىش ئارقىسىدا، مارتىن ئېدىن ئاخىر نام قازىنىدۇ. ئىلگىرى ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلار كېلىپ ئۇنى ئۆز يانلىرىغا تارتىشقا باشلايدۇ، رۇسىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، مارتىن ئېدىن جەمئىيەتنىڭ «چوققىسى» غا يامىشىپ چىققاندىن كېيىن، ھەممە نەرسىنىڭ ساختا، پەردازلانغان ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ غايىسى يوققا چىقىدۇ، روھىي تۈۋرۈكى غۇلاپ چۈشىدۇ. ئۇ بۇ جەمئىيەتتىن، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىدىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن ئۇ خەلق ئارىسىغا قايتىپ كېتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دېڭىزغا چىقىپ، شۇ يەردىن ئۆزىنىڭ مەنزىلىنى ئىزدەپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۇۋېلىش بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#