ئۇسرۇل
بۇ تال گۈل ئائىلىسىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك راۋولفىيە چاتقىلى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «ئۇسرۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى ئۇسرۇل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萝芙木

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تال گۈل ئائىلىسىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك راۋولفىيە چاتقىلى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «ئۇسرۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان يىلتىزى كونۇس شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۈل رەڭگە مايىل، خورما رەڭلىك، ئۆزى قاتتىق بولۇپ ئاسان سۇنمايدۇ. تەمى ئاچچىق، ئازراق خۇشپۇراق كېلىدۇ.

ئۇسرۇل يىلتىزىدىن رېزېرپىن (Reserpine)، ئەجمەلىتىسىن (Ajmalicine)، سېرپىنتىن (Serpentinine)، ئەجمالىن (Ajmaline)، راۋۋۇلفىن (Rauvolfine)، ساماتىن (Samatine)، راۋولفىيا (Raurolfia A)، ۋېللو زېمىن (Vellosimine)، پېراكسىن (Peraksine) قاتارلىق كۆپ خىل ئالكوئىدلار ئايرىپ ئېلىنغان، بۇلارنىڭ مىقدارى %2~1 كە يىتىدۇ. ئۇسرۇل تەركىبىدە يەنە ئورزولىك كىسلاتاسى (Ursolic acid) بار. ئەجمىلىن ئەمەلىيەتتە ھۆل يىلتىزىنىڭ ئۇسارىسىدۇر. 

قان بېسىمىنى چۈشۈرگۈچى رېزىرپىنسىمان تەسىرى، رېزېرپىن ئۇسرۇل ئۆسۈملۈكىنىڭ ئاساسلىق ئالىكوئىدى بولۇپ، بۇنىڭ (1) قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش تەسىرى بار: رېزېرپىن قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ۋە يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاستا، ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ، بۇ دورىنى يېگەندىن كىيىن، ئادەتتە بىر ھەپتە ئۆتكەندە تەسىرى ئاندىن كۆرىلىدۇ. بىر ھەپتىدىن كىيىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ۋېنا تومۇرىغا ئوكۇل قىلىنسىمۇ تەسىرى تەدرىجىي كۆرىلىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش تەسىرى بىر سائەت ئەتراپىدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، رېزېرپىننىڭ نېرۋا، بۆرەك ۋە ھورمۇن مەنبەلىك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرىگە نىسبەتەن قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار.

(2) مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: رېزېرپىننىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرۇش تەسىرى بار. بىر ئاز مىقداردا ئىشلىتىلسە ماغدۇرسىزلىق، تىنچلىنىش، ئۇخلىتىش پەيدا قىلىدۇ، لېكىن بەك قاتتىق ئۇخلىمايدۇ، ئاسانلا ئويغىنىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى جەريانى: ئىچكەندىن كىيىن بىر قىسمى سۈمۈرلىدۇ، كۆپ قىسمى ئۈچەيدە بۇزۇلىدۇ، ئوكۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئىچكەنگە قارىغاندا ياخشى، سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن بەدەندە تىزلا بۇزۇلىدۇ، ئاز ساندىكى بۇزۇلمىغانلىرى سۈيدۈكتە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا رېزېرپىننىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تەسىرى بىلەن يىغىلىپ قېلىش خۇسۇسىيەت دورىنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرى ئەمەس.

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش.

ئۇيقۇسىزلىق، مالخولىيا، ساراڭلىق، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ (ئۇسرۇل ھازىر ئارام بەرگۈچى دورىلار قاتارىدا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدۇ).

1. سەندەل، بىدەمىشكى، قىزىلگۈل 10 گىرامدىن، ئۇسرۇلدىن 0.25 مىللىگىرام قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ ئىچسە قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

2. ئۈستىقۇددۇس، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، لاچىندانە، سازەچ 20 گىرامدىن، ئۇسرۇلدىن 0.25 مىللىگىرام قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، مالخۇلىياغا شىپا بولىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

3. بىنەپشە، تەمىرھىندى، نېلۇپەر ھەر بىرى 10 گىرامدىن، ئۇسرۇلدىن 0.25 مىللىگىرام ئېلىپ كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە قىزىتما قايتۇرىدۇ.

0.45 ~ 0.25 مىللىگىرام.

ئەزالارغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

ئەرەب يېلىمى، كەتىرا.

ئىت ياڭىقى گۈلى.

ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەم ھىندىستان ۋە غەرب ئەللىرىدىن چىقىدۇ.

ھەببى شىپا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#