قىزىل سۇ ئامبىرى

قىزىل سۇ ئامبىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدە بولۇپ، تارىم دەرياسى سۇ سىستېمىسىنىڭ ئۆگەن دەريا ۋادىسىنىڭ ئۈستىدىكى بىر سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاساس قىلىنىدۇ، قوشۇمچە سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئۆنۈمگە قارىمايدىغان چوڭ تىپتىكى تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي ئامبارنىڭ سىغىمچانلىقى 640 مىليون كۇب مېتىر. 

نامى قىزىل سۇ ئامبىرى
ئورنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى
ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 640 مىليون كۇب مېتىر
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 克孜尔水库
ئاساسىي مەقسىتى سۇغۇرۇش، كەلكۈن ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئەڭ چوڭ سۇ توپلاش كۆلىمى 44 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل سۇ ئامبىرىقىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹بىرىنچى سۇ ئۈستى باغچىسى›› دېگەن نامى بار، بۇ ئامبار باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ سۇ ئامبىرىنى تاغلار قورشاپ تۇرغاچقا، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن غەربىي دىيارنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك قىياپىتى ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن. قىزىل سۇ ئامبىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇ تۈگۈن قۇرۇلۇشى بولۇپ، سۇ ئامبىرى قىزىل كۆلى بىلەن تۇتۇشىدۇ. سۇ مەنبەسى تەڭرىتاغدىن ئېقىپ چۈشكەن قار سۈيى ۋە باي ناھىيەسىدىكى بەش دەريانىڭ سۈيىدىن ھاسىل بولغان. ئومۇمىي كۆلىمى 44.6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

قىزىل سۇ ئامبىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش، سەيلە – ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان – شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنىڭ ياشاش ماكانىدۇر. ھازىر بۇ جاي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم سەيلىگاھقا ئايلانغان.[1]

قىزىل سۇ ئامبىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى بىۋاستە مەبلەغ سالغان قۇرلۇش بولۇپ، قىزىل كۆلى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44.6 كۋادرات كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى 640 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىش سۈيىنىڭ سىغىمچانلىقى 477 مىليون كۇب مېتىر، دامبىنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر، سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىسىنىڭ گېنراتور سىغىمچانلىقى 26 مىڭ كىلوۋات سائەتتىن كۆپرەك. قىزىل سۇ ئامبىرى 1991-يىلى پۈتكەندىن بۇيان، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش، ساياھەتچىلىك تۈرى جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 

قىزىل سۇ ئامبىرىقىزىل سۇ ئامبىرى « 5 - ئىيۇل »، ‹‹ 8 - بەش يىللىق پىلان ›› مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، ئۆگەن دەرياسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئېچىشتا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇپ بولغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى. بۇ قۇرۇلۇش 1984 - يىلى قۇرۇلۇش پىلانلانغان، 1985 - يىلى  

رەسمىي ئىش باشلانغان، 10 يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، 1994 - يىلى پۈتكەن. 

قىزىل سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەر - بازارلاردىكى سۇ تەمىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1062577.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#