ۋىدىيا بالەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىدىيا بالەن ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىدە بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئاپىسى بولسا سودىگەر.
ۋىدىيا بومباي دىكى St. Anthony’s Convent School موناستىر مەكتىپىدە ئوقۇغان ھەم جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، داۋاملىق بىلىم ئېلىش يولىنى تاللاپ بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىق ئوقۇپ، بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىيولوگىيە ماگىستىرى ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى ۋىدىيا ئىنتايىن سېمىز ھەم شوخ بولۇپ، شاھرۇھخان نىڭ سادىق مەستانىسى ئىدى. شۇڭا ئۇ مودېل ۋە ئارتىس بولۇش ئۈچۈن ئورۇقلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قاتتىق ئورۇقلىغان. ئەپسۇس، تۇنجى قېتىملا رېژىسسورنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەمما، ئۇ قىلچە مەيۈسلەنمەي داۋاملىق تىرىشقان، ئارىلىقتا بىر قانچە تامىل تىلى يەنى توللىۋود فىلىملىرىدە رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ رولى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن. 1998-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا سودا خاراكتېرىنى ئالغان ئېلانلارنى ئىشلەش پۇرسىتى كېلىدۇ. ئۇ بۇنداق ئېلاندىن 90 نەچچىنى ئىشلىگەن.
كىيىن ئۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 2003-يىلى، ۋىدىيا بېنگال تىلىدا ئىشلەنگەن فىلىم «Bhaalo Theko»دا رول ئالغان، بۇ فىلىم ئەينى ۋاقىتتا، كىنوچىلىق ساھەسىنى لەرزىگە سالغان فىلىم بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى قەدەملىرى ئاسانلىشىپ بارغان.
ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان كىنوسىدىن تاماشىبىنلارغا بەكرەك تونۇش بولغىنىدىن «ئەخلاقسىز رەسىم» (不雅照) بىلەن «قورقماس ساقچى ئەمەلدارى» (无畏警官)، شاھىت كاپور بىلەن ھەمكارلاشقان «بەخت تۇمارى» (幸运符) قاتارلىقلار بار.
بولۇپمۇ «ئەخلاقسىز رەسىم» فىلىمى تاماشا ساھەسىدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى ئېنىق سۈرەتلەپ بەرگەن فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىمدە، ئارتىس بولۇش ئارزۇسى بار ئاددىي قىزنىڭ ئارتىس بولۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ھەتتا ئارتىس بولۇش ئۈچۈن ئەخلاقسىز روللارغا چىقىشتىنمۇ تەپ تارتمىغىنى، ھەمدە ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئايالى بار بولغان داڭلىق چولپاننىڭ ئاشنىسى بولغانلىقى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتە چېپىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، ۋىدىيا بۇ رول خۇددى شۇنداق ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن غورۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان قىزلاردەكلا تەبىئىي ئالغان، بۇ كىنونى كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭغا نەپرەتلەنمەي قالمايدۇ، ئەمما، بۇ دەل ئۇنىڭ غەلىبىسى، چۈنكى تاماشىبىنلار ئۇنىڭغا قانچە نەپرەتلەنسە ئۇ ياراتقان ئوبراز ھەقىقىي چىن ئىپادىلەندى دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە 20 كىلوگرام سەمرىگەن.
2012-يىلى : قورقماس روھ
2011-يىلى : ئەخلاقسىز رەسىم
ھېچكىم جېشكانى ئۆلتۈرمىدى
2010-يىلى : مۇھەببەت ھېكايىسى
2009-يىلى : دادا
2008-يىلى : بەخت تۇمارى
دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان
2007-يىلى : ئىبادەتخانىدا جىن خاتىرىسى بار
ھەي ! قوزام
خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى : The Royal Guard قوغدىغۇچىلار
مۇھەببەت ھەممىنى
سودا ئوغلى / جۈي (فامىلە)
2006-يىلى : قارا چوڭ سەردار تىنچلىق ئارزۇسى / ئاكام يەنە قارا گۇرۇھنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتتى
2005-يىلى : پارىنېتا / مەخپىي توي قىلىش
2003-يىلى : خەير (بېنگال تىلى فىلىمى)
2013-يىلى : بومبايدا ئۆتكەن ئىشلار
بومباي ئاۋازى
2012-يىلى : مەن فارارىنى سۆيىمەن
2011-يىلى : كېلە ! تۇرپان ئىس چەمبىرىكىنى
رەھمەت سىزگە
كېرالا كىنوسىدا ئۆتكەن ئىشلار
2007-يىلى : قايتا تۆرىلىش قىسمىتى
ئۇ بەلكىم بوللىۋودتىكى ئەڭ گۈزەل ئەڭ داڭلىق ئايال چولپان بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە مەسئۇل بولىدىغان، تىرىشچان، رول ئېلىشقا ماھىر ئايال چولپان.
ئەمەلىيەتتىكى ۋىدىيا ئۆزى ئىشلىگەن بۇ فىلىملەرگە قارمۇ-قارشى بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ كەينىدىن بىرەر تالمۇ پاسسىپ خەۋەر تارقىلىپ باققىنى يوق، ئۇنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشى ياكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرىدىكى كىيىنىشى بولسۇن، شۇنداق ئەنئەنىۋى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.