- قازان (تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى)
- قازان (تاماق ئىتىدىغان بۇيۇم)
قازان
رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. رۇسىيەدىكى 8 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى، رۇسىيەدىكى A دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى شۇنداقلا رۇسىيە بويىچە ئەڭ ئاۋات ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا، كۇيبىشېۋ سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي شىمال ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتاقلىق دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 47 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . قازان 13-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سېلىنغان، 15-، 16-ئەسىرلەردە قازان خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان.
1556-يىلى بىرىنجى ئەۋلاد چارپاھىشاھ Ⅳ ئىۋان پادىشاھلىقىدىكى چار رۇسىيە دۆلىتى تەرەپىدىن بېسىۋېلىنغان، شۇندىن باشلاپ قازان رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇھىم سانائەت، قاتناش مەركەزلىرىنىڭ بىرى.
شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، سانائىتىدە ئايروپىلان، ستانوك، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جايدا 1804-يىلى قۇرۇلغان قازان داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. تولىستوي بىلەن لېنىن ئۆز ۋاقتىدا قازان داشۆسىدە ئوقۇغان، شۇڭا شەھەردە لېنىن مۇزېيى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى، پۈتۈن سوۋېت داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنى، يەنە 16-، 18-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان قەدىمىي شەھەر مۇنارىلىرى، چېركاۋ قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.