ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى
(1) قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(2) سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(3) بىر قىسىم كېسەللىكلەر مەسىلەن : ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش، بۇرۇن ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بۇرۇن كاۋاك ياللۇغى، بادام تەنچە ياللۇغى، بۇرۇن يۇتقۇنچاق ئۆسمىسى، قىزىل، سىكارلاتىنا ( قىزىلچە ) قاتارلىق كېسەللىكلەردىكى ھەر خىل ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى ئوتتۇرا قۇلاققا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(4) نامۇۋاپىق ھەركەتلەر مەسىلەن: كۈچەپ بۇرۇننى تاشلاش، نامۇۋاپىق يۇيۇنۇش، توغرا بولمىغان ھالەتتە سۇغا سەكرەش ياكى سۇ ئۈزگەندە قېقلىپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۇتقۇنچاق ناغرىخانا كانىلىغا ھاۋا تولۇپ كۆپۈپ، بۇرۇن يۇتقۇنچاقتىكى ئاجراتمىلارنى ئوتتۇرا قۇلاققا كىرگۈزىۋېتىدۇ ياكى بۇلغانغان سۇلار يۇتقۇنچاق ناغرىخانا نەيچىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاققا كىرىپ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سوزۇلما ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى
(1) ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(2) بالىلاردىكى سۈت ئېمىتىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلارنىڭ يۇتقۇنچاق ناغرا كانىلى ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن تۈز ھەم قىسقا، توم بولۇپ، كۆپىنچە ئوڭدا يېتىپ سۈت ئېمىش جەريانىدا سۇيۇق ئاجرالمىلار ۋە سۈت ئاسانلا ناغرا بۆلۈمىگە كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(3) ئوفۇنەتلەنگەن بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(4) ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
قۇلاق 1) ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەسلەپتە بىمار قۇلىقى توسۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. قۇلىقىدا ناھايىتى تۆۋەن غوڭۇلدىغان ئاۋاز پەيدا بولىدۇ. بەزىلرىدە قۇلاقنىڭ ئىچى ئارىلاپ يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىيدۇ.ئاڭلاش ئىقتىدارى چىكىنىدۇ. كۆپنىچە بۇرنىنى مىجىسا، باش تۇرقىنى ئۆزگەرتسە ياكى قۇلاق سۇپۇرسىنى يۇقۇرى تۆۋەن ھەم ئۇدۇلىغا قارىتا تارتسا، ئاڭلاش كۈچىنىڭ ۋاقىتلىق ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. كېيىن تەدرىجى پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرىلىپ، بەدەن تېمپراتۇرىسى℃39~℃38 قا چىقىدۇ. ئېغىرلاردا ℃40بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. بالىلاردا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە مېڭە غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ھەمدە يىغلاپ بىئارام بولىدۇ. قۇلاقتىكى ئاغرىق ئېغىرلىغاندا خۇددى بىر نەرسىدە كولىغاندەك سېزىم بولىدۇ، بەزىدە لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ، تېخىمۇ ئېغىرلاشسا قۇلاقتىن قانغا ئوخشاش يىپىشقاق يىرىڭسىمان ئاجرالمىلار ئاقىدۇ.
2) سوزۇلما ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش، گاسلىق ۋە ناغرا پەردە تېشىلىش قاتارلىقلاردىن باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن كلىنىكىدا ئۈچ تىپقا بۆلىنىدۇ.
(1) نوقۇل تىپلىق: كۆپىنچە قۇلاقتىن ئارىلاپ يىرىڭ ئاقىدۇ، يىرىڭ يىپىشقاق سۇيۇق بولىدۇ، سىسىق پۇرايدۇ. ئەگەر يىرىڭ تاشقى قۇلاق يولىدا تۇرۇپ قالغان بولسا، ئاچچىق پۇرايدۇ.
(2) سۆڭەك بۇزۇلۇش تىپلىق: كېسەللىك ئۆزگىرىش ناغرىخانا سۆڭىكى ۋە ئاڭلاش كىچىك سۆڭەكلىرگىچە يېتىپ بارغاندا، سۆڭەك بۇزۇلىدۇ. بىخلىما گۆش توقۇلمىسى ئۆسىدۇ، قۇلاتىن يىرىڭ ئاقىدۇ. سىسىق پۇرىقى بولىدۇ.
(3) ئۆت يىغى ئۆسمىسى تىپى: بۇ يالغان ئۆسمە بولۇپ، ھامىلە دەۋرىدە ھامىلە تاشقى ياپراق توقۇلمىنىڭ مېڭە سۆڭىكىدە ساقلىنىپ قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. سۆڭەك بۇزۇلۇش تىپلىقى ۋە ئۆت ياغ ئۆسمىسى تىپلىقى ناھايىتى ئاسان ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن خەتەرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. نوقۇل تىپلىقى يەڭگىل بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.