ئوتلاق بالباللىرى
ئوتلاق بالباللىرى مەنزىرە رايونى جېمىنەي ناھىيەسى نىڭ توسىت يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، جېمىنەي ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، توست يېزىسى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ئىچىدە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوتلاق بالباللىرى مەنزىرە رايونى جېمىنەي ناھىيەسى نىڭ توسىت يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، جېمىنەي ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، توست يېزىسى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ئىچىدە. مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 270 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق رايون كۆلىمى 67 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىدىكى تاغ قىرى ۋە تاغ باغرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان غەلىتە تاشلار بار بولۇپ، كۆلىمى كەڭ، كارستلىق ۋە شامالنىڭ يىمىرىش رولى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن، شەكلى غەلىتە گىرانت.
ئوتلاق بالباللىرى مەنزىرە رايونىدا غەلىتە تاش، ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەر يىلى ياز پەسلىدە ھەر خىل ياۋا گۈللەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىدۇ، ھەممىسى يېشىل ياشىرىپ، رەڭگى پارقىراپ، خۇش پۇرىقى نەچچە چاقىرىمغا تارقىلىدۇ، تاغ قاپتاللىرىدا قۇرۇپ كەتكەن بۇلاق بار بولۇپ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار «زەمزەم بۇلاق» دەپ ئاتىغان، بۇلاقلارنىڭ سۈيى ناھايىتى تاتلىق بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە پايدىلىق بولدىكەن. ئوتلاق بالباللىرى مەنزىرە رايونىنى گېئولوگىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن : مەنزىرە رايونىدىكى كامالەتكە يەتكەن تۆشۈك دۆلەت ئىچىدىكى ھازىر مەلۇم بولغان گىرانت تاش يەر شەكلى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى مەنزىرە رايونىدا بىر غەلىتە يانتۇلۇق بايقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.