مىللەتلەر نەشرىياتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىللەتلەر نەشرىياتىمىللەتلەر نەشرىياتى-جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدا سىياسىي-نەزەرىيىۋى، ئىلمىي، ئەدەبىي كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قارايدۇ. بۇ نەشرىيات 1953-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. بۇ نەشرىياتتا ئۇيغۇر، زاڭزۇ، مۇڭغۇل، چاۋشىيەنزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر تىلدا كىتاب نەشر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە كىتابلارمۇ نەشر قىلىندۇ، نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 2000 پارچىغا يېقىن كىتاب نەشرقىلغان. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ يىرىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىنى نۇقتىلىق نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.