ھەيز كۆرۈش
ھەيز-بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئايدا بىر قېتىم سويۇلۇپ چۈشۈپ قانىشى ھەيز دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنلىرى ئارىلىقتىكى ۋاقىت ھەيز دەۋرى بولۇپ، ئادەتتە 28-30 كۈن ئارلىقتا بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى 3-7 كۈن بولۇپ بۇرۇن ياكى كېيىن بولسا ھەمدە داۋاملىق شۇ خىل ھالەتنى ساقلاپ كەلسە، ئەمما باشقا يېقىمسىزلىنىش ھالەتلىرى بولمىسا، يەنىلا نورمال ھېسابلىنىدۇ. ھەيزنىڭ داۋام قىلىشى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەيز-بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئايدا بىر قېتىم سويۇلۇپ چۈشۈپ قانىشى ھەيز دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنلىرى ئارىلىقتىكى ۋاقىت ھەيز دەۋرى بولۇپ، ئادەتتە 28-30 كۈن ئارلىقتا بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى 3-7 كۈن بولۇپ بۇرۇن ياكى كېيىن بولسا ھەمدە داۋاملىق شۇ خىل ھالەتنى ساقلاپ كەلسە، ئەمما باشقا يېقىمسىزلىنىش ھالەتلىرى بولمىسا، يەنىلا نورمال ھېسابلىنىدۇ. ھەيزنىڭ داۋام قىلىشى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ.
بىرىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ قان مىقدارى تەخمىنەن 30-50 مىللىتىر بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى بىر ئاز كۆپىيىپ، كېيىن تەدرىجىي ئازلايدۇ. ھەيز قېنى ئىشقارلىق، رەڭگى توق قىزىل، تۇراقسىز بولۇپ، ئۇيۇمايدۇ، ئۇنىڭغا سويۇلۇپ چۈشكەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ پارچىلىرى، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ۋە سويۇلۇپ چۈشكەن جىنسىي يول ھۈجەيلىرى بولىدۇ. تۇنجى ھەيز 11 ياشتىن 18 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. كۆپىنچە 13- 15 ياشلاردا كېلىدۇ.
بەزى قىز- ئاياللاردا ھەيز دەۋرىدە قورساقنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ۋە كۆكسى چىڭقىلىش، ئوڭاي چارچاش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇچانلىق، قەۋزىيەت، بەل، توققۇز كۆز قىسمى تېلىش، قورساقنىڭ ئاستى قىسمىغا ئېغىر نەرسە كەپلەشلىشىۋالدەك بولۇش ۋە كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ھەيز مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىگىدىن يوقىلىدۇ. ھەيز ئادەتتە قىز- ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.