كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. ئۇنىڭ دەرەخ باراقسىنىنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئۈجمە ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 榕树
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چاققاق تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى ئەنجۈر ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخىتەمسىللەردە يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، دېگەن گەپ بار، بىراق تەبىئەت دۇنياسىدا پەقەت كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر (ياۋا ئەنجۈر) دەرىخىنىڭ بىر تۈپ دەرىخىلا «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولالايدۇ» . 

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. ئۇنىڭ دەرەخ باراقسىنىنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بېنگالنىڭ تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدا چوڭ بىر تۈپ كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى بولۇپ، ياپيېشىل، بۈك-باراقسان ئۆسۈپ ئاينىپ ئورمانغا ئايلانغان. ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئۆسۈپ ساڭگىلاپ ئېسىلىپ تۇرغان «ھاۋا يىلتىزلىرى» 4000 تالدىن ئارتۇق بولۇپ، ساڭگىلاپ توپىغا كىرگەندىن كېيىن «تىرەك يىلتىز» لارغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئاساسىي غول يىلتىز بىلەن تۇتىشىپ، شاخلىرى يىلتىز بىلەن تۇتىشىپ يىلتىزلار بىر-بىرىنى تىرەپ شاخ-يوپۇرماقلىرى يېيىلىپ ئۆسۈپ ئاسماننى توسۇۋېلىپ، يالغۇز دەرەخ ئورمان ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. غايەت زور دەرەخ باراقسىنىنىڭ سايە چۈشۈرۈش دائىرىسى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشىلىك بىر زور قوشۇن دەرەخ سايىسىدە ئاپتاپتىن دالدىلانغانىكەن.

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخىمەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنخۇي ناھىيىسى خۇەنچىڭ يېزىسىدىكى تيەنماخې دەرياسى بويىدىمۇ بىر تۈپ قەدىمكى كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى ئۆسكەن بولۇپ، دەرەخ باراقسىنىنىڭ قاپلاش يۈزى تەخمىنەن 15 مو كېلىدۇ، نەچچە يۈز ئادەم دەرەخ تۈۋىدە سالقىنلىيالايدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ تەيۋەن، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى ئۆسىدۇ. ئېتىز-ئېرىق بويلىرى، يوللارنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى چوڭ-كىچىك كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرەخلىرى تەبىئىي شىپاڭلارغا ئايلانغان بولۇپ، دېھقانلار ۋە يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش، سالقىنلاش، شامال ۋە يامغۇردىن دالدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياخشى سورۇنى بولۇپ قالغان. فۇجۇ شەھىرىدە كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى ئالاھىدە كۆپ بولغاچقا «كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر شەھىرى» دېيىلىدۇ. 

كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخىكىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋىسى يىسا يۇمىلاق شەكىللىك، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، مېۋە دىئامېتىرى 1 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ، يېيىشكە بولىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، قۇشلارنىڭ پائالىيىتى ۋە شامال-يامغۇرلارنىڭ تەسىرىدىن ئانا دەرەخقە يېپىشىپ ئۆسۈپ، ئانا دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنى قوبۇل قىلىپ ياشاپ، نۇرغۇن ئېسىلىپ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ھاۋا يىلتىزلىرىنى چىقىرىدۇ، ئۇ نەم ھاۋادىن سۇ سۈمۈرەلەيدۇ؛ توپىغا كىرگەن تېرەك يىلتىزى چوڭ دەرەخنىڭ تۇپراقتىن سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى سۈمۈرۈش رولىنى كۈچەيتىدۇ. مانا بۇ «يالغۇز دەرەخنىڭ ئورمان بولۇشى» نىڭ سىرىدۇر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#