دولان مۇقامى

دولان مۇقامى
 ھازىرغىچە توپلانغانلىرى توققۇز يۈرۈش بولۇپ ، مەكىت ناھىيىسىدە تارقىلىپ يۈرگەنلىرى « زىل باياۋان مۇقامى » ( « باش باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، « ئۆز ھال باياۋان مۇقامى » ، « چۆل باياۋان مۇقامى » ( « راك باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، « ئۆتەڭ باياۋان مۇقامى » ( « مۇشاۋىرەك باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ )« بوم باياۋان مۇقامى » ، « جۇلا مۇقامى » ، « سىم باياۋان مۇقامى » ، « جۇلا مۇقامى » ، « سىم باياۋان مۇقامى » ، « خودەك باياۋان مۇقامى » ۋە « دۇگامەت باياۋان مۇقامى » دىن ئىبارەت . 

ئۇيغۇرچە نامى دولان مۇقامى
خەنزۇچە نامى 刀郎木卡姆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولان مۇقامى« دولان مۇقامى » ئون ئىككى يۈرۈش دېگەن سۆز بار . ھازىرغىچە توپلانغانلىرى توققۇز يۈرۈش بولۇپ ، مەكىت ناھىيىسىدە تارقىلىپ يۈرگەنلىرى « زىل باياۋان مۇقامى » ( « باش باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، « ئۆز ھال باياۋان مۇقامى » ، « چۆل باياۋان مۇقامى » ( « راك باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، « ئۆتەڭ باياۋان مۇقامى » ( « مۇشاۋىرەك باياۋان مۇقامى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) « بوم باياۋان مۇقامى » ، « جۇلا مۇقامى » ، « سىم باياۋان مۇقامى » ، « جۇلا مۇقامى » ، « سىم باياۋان مۇقامى » ، « خودەك باياۋان مۇقامى » ۋە « دۇگامەت باياۋان مۇقامى » دىن ئىبارەت . مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن ئاۋات ناھىيىسىگە تارقالغان « دولان مۇقامى » لىرىنىڭ نامىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار .

    مۇتلەق كۆپ ساندىكى « دولان مۇقام » لىرىنىڭ نامىدا « باياۋان » دېگەن ئاتالغۇ بار . « باياۋان » « چۆل جەزىرە » دېگەن مەنىدە كېلىدۇ . بۇ بوستانلىقتا ياشىغان دولانلىقلارنىڭ كۆپ ھاللاردا چۆل – جەزىرە بىلەن روبىرو بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ . لېكىن مۇقاملارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتالغانلىقى ھازىرغىچە تازا ئايدىڭ ئەمەس . « چۆل » بىلەن « باياۋان » نىڭ مەنىسى بىر – بىرىگە يېقىن . بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى چۆل – باياۋاننىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ . « باش باياۋان مۇقامى » دىكى « باش » سۆزى « باشلىنىش قىسمى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . « زىل » نىڭ مەنىسى « يۇقىرى ئاۋاز » ، « بوم » نىڭ مەنىسى « تۆۋەن ئاۋاز » ، « سىم » نىڭ مەنىسى « پولات تار » . دولان مۇقاملىرىغا مۇشۇ ئۈچ سۆز ئارقىلىق ئات قويۇش ئېھتىمال « يۇقىرى ئاۋاز ئارقىلىق باشلىنىدۇ » دېگەننى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن . « ئۆتەڭ » نىڭ مەنىسى « قونالغۇ » ياكى « بېكەت » . بۇ سۆز ئەلۋەتتە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئۆتۈشمە بېكەت ئورنىدىكى بوستانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . « جۇلا » سۆزى ئەرەبچە سۆز ، ئۇ « نۇرلۇق ، پارقىراق » دېگەن مەنىدە بولۇپ ، بۇ يەردە « تەنتەنە » دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ . بۇ مۇقامدا ئاساسەن خوشاللىق ئىپادىلىنىدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى تېكستلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن توي مۇراسملىرىدا ئېيتىلىدۇ . « راك » ، « ناۋا » ، « ئۆزھال » ، « مۇشاۋىرەك » قاتارلىق ناملار « ئون ئىككى مۇقام » دىكى ناملار بىلەن ئوخشاش . لېكىن ، « دۇگامەت » ، « خودەك » دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس .

    « ئون ئىككى مۇقام » بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر يېرى ، « دولان مۇقامى » دىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقاملارنىڭ نامى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان . ئايرىم بىر نەچچە مۇقامنىڭ ھەم چەت ئەل تىلى ، ھەم ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىندىغان ناملىرى بار . بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامىنىڭ مۇشۇ مىللەتنىڭ تىل ئاتالغۇسىدىن چەت ئەڭ تىلىدىكى ئاتالغۇلارغا قاراپ ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .

دولان مۇقامى    بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ، مۇكەممەل « دولان مۇقامى » « مۇقەددىمە » ، « چېكىتمە » ، « سەنەم » ، « سەلىقە » ، « سىيرىلما » قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ . توققۇز يۈرۈش « دولان مۇقامى » دا قىرىق بەش مۇزىكىلىق كۈي بار . « مۇقەددىمە » نىڭ مەنىسى « كىرىش سۆز » ، « باشلىنىش » دېگەنلىك بولىدۇ . « چېكىتمە » دېگەن سۆز « چېكىت » ( « تىنىش » ، « ئۇدار » ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن . « سەنەم » نىڭ ئەسلىي مەنىسى « مەبۇد » ، « ئىلاھ » ، « ساھىبجامال » ، « گۈزەل قىز » دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن يۈرۈشلۈك ناخشا – ئۇسسۇللىرىنىڭ بىر خىلىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ . « سەلىقە » ، « سەنىقەس » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ « سەلىق » ( بەزى ئالىملار ئۇنى « قىزىقىش » ، « ئارزۇ – تىلەك » دەپمۇ چۈشەندۈرىدۇ ) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن . « سيرىلما » نى بەزى ئالىملار « يۇمشاق » ، « سىلىق » دەپ چۈشەندۈرىدۇ . توققۇز يۈرۈش « دولان مۇقامى » نى ئورۇنلاشقا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#