تورلاشقان ئاپتوموبىل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تورلاشقان ئاپتوموبىل ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كومپيوتېر بىلەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يول يۈرۈش لىنىيىسىنى ياخشىلايدۇ، باسقان مۇساپە ۋە چىقىم قاتارلىقلارنى خاتىرىلەيدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىل بىر كۆچمە ئىشخانا بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھەر ۋاقىت ھەر خىل ئېلېكترونلۇق يوللانمىلار بىلەن تور ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ئېكراندا كۆرگىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئاۋازلىق ھالەتكە كەلتۈرگىلىمۇ بولىدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىلنى يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ھەر خىل نومۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلىيالايدۇ ھەم كۆرەلەيدۇ.
تورلاشقان ئاپتوموبىلدىن چاتاق چىققاندا، ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدۇ. ئەگەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، مۇلازىمەت مەركىزى ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە قارىتا، يىراق مۇساپىلىق ئېنىقلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل يېرىم يولدا يولدىن ئادىشىپ قالسا، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ، مۇلازىمەت مەركىزىگە ئادەم ئەۋەتىپ يول باشلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
ئادەتتىكى ئاپتوموبىللار تورلاشقان ئاپتوموبىلغا ئوخشاش ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تور سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ماتورنى ئېتىۋەتسە ئاپتوموبىل ئوغرىسى ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە ئامالسىز قالىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.