كۇمۇتا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى

كۇمۇتا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى

كۇمۇتا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى بولسا كۇمۇتىنىڭ تېرىنى بىۋاسىتە چېقىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە ياللۇغى بولۇپ، پەقەت كۇمۇتىغا زىيادە سېزىمچان بولغۇچىلاردا كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك نامى كۇمۇتا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى
تونۇش نامى ci mao chong pi yan
تەۋە بۆلۈم تىرە ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 刺毛虫皮炎
ئاساسلىق ئالامىتى پاچاق، پۇت دۈمبىسى ۋە باشقا ئورۇنلارنى كۇمۇتا چاققاندىن كىيىن قىچىشىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېتىلگەن كۇمۇتا چېقىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.يېتىلگەن كۇمۇتا پاشىدىن كىچىكرەك بولۇپ، جىگە رەڭ ياكى قارا رەڭدە بولۇپ، ئەركەكلىرىىڭ قان شوراش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. ھەر يىلى 4 − ئايدىن 10 − ئايغىچە بولغان مەزگىللەر كۇمۇتىنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ مۇشۇ مەزگىلدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

ئوچۇق ئورۇنلاردا ئاسان پەيدا بولىدۇ. پاچاق، پۇت دۈمبىسى ۋە باشقا ئورۇنلارنى كۇمۇتا چاققاندىن كېيىن، دەسلەپ سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي قاتتىق قىچىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېقىۋالغان جايدا قان ئۇيۇش توچكىسى ياكى سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرلىك قىزىل داغ پەيدا بولۇپ، كېيىن گۈرۈچ دېنىدىن پۇرچاق دېنىغىچە چوڭلۇقتا بولغان سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرلىك خاراكتېرلىك قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، كېيىن گۈرۈچ دېنىدىن پۇرچاق دېنىغىچە چوڭلۇقتا بولغان سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرلىك ھۇررەكسىمان تېرە زەخمىسىگە ئۆزگىرىدۇ. كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا ئاستا − ئاستا يېنىپ كېتىدۇ.

تېرە زەخمىسىنىڭ ئادەتتە 4 − ئايدىن 10 − ئايغىچە بولغان مەزگىللەردە كۇمۇتا چېقىۋېلىشتىن كېيىن پەيدا بولۇش، قاتتىق قىچىشىش، ئوچۇق ئورۇنلاردا ئاسان پەيدا بولۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قىچىشىشنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

قىچىشىشنى پەسەيتىپ، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە خەشخاش ئۇرۇقىدىن 51 گرام ئېلىپ سوقۇپ، 001 مىللىلىتىر ئۈزۈم سىركىسىگە سېلىپ سۇس ئوتتا بىر ئۆرلەتكەندىن كېيىن، سوۋۇتۇپ سۈزۈپ سۈزۈلگەن سۈيى بىلەن كۇمۇتا چاققان ئورۇننى يۇيۇپ سېرىش بىلەن سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلىتىشكە شارائىت بولمىسا، يەرلىك ئورۇنغا مەلھىمى كىبرىتنى سىرتىدىن سۇۋىسىمۇ بولىدۇ.

ئىس قويۇپ بېرىپ كۇمۇتا قاچۇرۇش ئارقىلىق كۇمۇتا چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بولۇپمۇ كۇمۇتا زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا قەلەمپۇر يېغى سۈرتىۋالسا كۇمۇتا چېقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=930

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#