ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان(قىسقا، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان) ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىمى، ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم، كەسپىي تېخنىكا كاپالەتلەندۈرۈش قىسىمى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى يادرو تەھدىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۈشمەننىڭ جۇڭگوغا قوزغاش ئېھتىمالى بولغان يادرو ئۇرۇشىنى توسۇش، جۇڭگونىڭ تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئادەتتىكى ئۇرۇش ۋە يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى توسۇش، جۇڭگو دۈشمەننىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، يادرو قايتۇرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا زەربە بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك زەربىدارلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىش.
ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىجۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى ئۆتكۈر قوراللار بىلەن قوراللانغان يېڭى تىپتىكى قىسىم تۈرى بولۇپ، 20 نەچچە يىل جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، مۇنتىزىم مەشىقنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى، ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قىسىمنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىش ۋە پۈتۈن گەۋدىلىك جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىجۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى خىلمۇخىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن مۇئەييەن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن ئىستراتېگىيىلىك قوراللىق كۈچ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.