قىرىم يېرىم ئارىلى
قىرىم يېرىم ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار، بۇ جاينىڭ تۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول. ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان قىرىم تاغلىقلىرى جايلاشقان، بۇ تاغلىقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىنىڭ كەڭلىكى 2-8 كىلومېتىر بولۇپ، ئىقلىمى يىللىق، مۆتىدىل كېلىدۇ. بۇ جايلار پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ مۇھىم دەم ئالىدىغان ساناتورىيە رايونى ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقلار ھەرخىل ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغ ۋادىلىرى بىلەن دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا كۆپلەپ ئۈزۈم ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايلار قىرم تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىپ ئايرىلغان.
قىرىمدىكى مۇھىم شەھەرلەر سىمفېروپول، يېۋپاتورىيە، سېۋاستوپول، پالتا ھەم كىرىچلاردىن ئىبارەت.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.