قاتلىما

قاتلىما

ئويغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىكى ناننىڭ بىر تۈرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاتلىما ناننىڭ خۇرۇچلىرى ساپ ئاق ئون، گوش، قوي مېيى، تۇز، پىياز قاتارلىقلار.

قاتلىما نان ئېغىرلىغى 200گىرام ئەتىراپىدا، يۇمۇلاق ( چەمبەر ياكى تولغان ئايغا ئوخشاش)بۇلۇپ، دىئامىتىرى 20سانتىمىتىر، قېلىنلىغى 1.5 سانتىمىتىر بۇلىدۇ، ناننىڭ خېمىرى تەييارلانغاندىن كىيىن، خېمىرنى مۇۋاپىق مىقداردا تاۋلاپ قېتىغا مۇۋاپىق مىقتاردا گوش، قوي مېيى، پىياز قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ ئارلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، تۇنۇرغا يېقىپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ خىل نانغا ياخشى ئاق ئۇن، تۇز، پىياز، گوش–ماي، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ. قاتلىما نان بىرخىل پىششىقلاپ ئىشلەش تەس، ئېلىپ يۇرۇشكە قولايلىق، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئويغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە دالا تامىقى قىلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.،ھەر قانداق مۇھىت شارا ئىتتا قوساق تويغۇزۇشقا بۇلىدىغان قولايلىق يىمەكلىك بۇلۇپلا قالماي يەنە ئادەمنىڭ ئىشتەي ۋە مىجەزىنىمۇ تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان ئالاھىدە ئىستىمال بۇيۇمى. 

قاتلىما نان ساپ ئاق ئون، گوش، قوي مېيى، تۇز، پىياز،قاتارلىق ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نان يېقىپ( يەنى تۇنۇرنى قىزىتىپ، تۇنۇر تاۋلانغاندىن كىيىن،تۇنۇرغا يېقىپ) پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ئىشلەپچىقىرىدىغان يىمەكلىك ئىستىمال مەھسۇلاتى بولغاچقا تازلىق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا نان يېقىشتا تۆۋەندىكى ئىش تەرتىۋىنى ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاش كېرەك؛ (1)ئالدى بىلەن سۈپەتلىك ئاق ئۇن(بۇغداي ئۇنى)نى چوڭ داس (ياكى پەشخۇن ۋە ياكى تەڭنە)گە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، تۇز بىلەن سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ پۇژپۇلايمىز، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقتاردا ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ) نى سۇدا تەڭشەپ خېمىرغا تۇلۇق ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرىمىز، خېمىر تۇلۇق يۇغۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن خېمىرنى بوش تاۋلايمىز (چوڭ ناننىڭ خېمىرى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، پەقەت بولدۇرمايمىز)، قاتلىمىنى ئادەتتە چالا پىتى ھالەتتە ياقىمىز.. (2)قاتلىما ناننى يېقىشتا ئۆلچەملىك تۇنۇر بۇلۇشى، يەنى بۇ خىل ناننى ياقىدىغان تۇنۇر توغاچ ياقىدىغان تۇنۇر بىلەن ئوخشاش بولسا بۇلىدۇ، ۋە تۇنۇرنى ئۆلچەملىك قىزىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن ياخشى قۇرۇغان دەرەخ ئۇتۇنىدىن 20كىلوگىرام(كۈمۈر25كىلو گىرام) تەييارلاپ، تۇنۇرنىڭ ئىچىگە بەلگۈلۈك مىقتار بۇيىچە سېلىپ ئوت قالاپ قىزىتىمىز (قالىغان ئۇتۇن تۇلۇق كۈيۈپ بۇلۇىشى شەرت)،ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا تۇنۇرنىڭ ئىچكى يۈزىگە تەكشى تۇز سۇيى چېچىپ تۇنۇرنى تاۋلايمىز.(3)مۇۋاپىق مىقتاردا باش پىيازنى ئاقلاپ، يۇيۇپ تازلاپ بولغاندىن كىيىن توغراپ(يۇمشاق) چانايمىز،ئاندىن قوي گۈشىنى قوينىڭ قۇرۇق مېيى ياكى ئىچ مېيىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا توغراپ، پىيازغا ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز. (4) تاۋلانغان خېمىرنى پەشخۇن ياكى ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قول بىلەن بېسىپ ياكى كىچىك نوغۇچ بىلەن مۇۋاپىق تەكشى يايىمىز، ئاندىن ئالدىن تەييارلىغان قىيمىنى خېمىرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، خېمىر بىلەن بىرگە تۈرۈمىز، تۈرۈپ بۇلۇپ مۇۋاپىق مىقتاردا زوۋۇلا ئۈزۈپ، ئۈزگەن بىر تەرەپنى قول بىلەن بېسىپ چوڭايتىپ يۇمۇلاق (تۇلغان ئاي شەكلىگە كەلتۈرۈمىز)يالپاق قىلىمىز. يۇقارقى تەييارلىق ئىشلار تۇلۇق پۈتكەندىن كىيىن ناۋاي ئۇستام گېزىنىگە (گېزىنە مەخسۇس تەييارلانغان تۇلغان ئاي شەكىللىك دىئامىتىرى 20سانتىمىتىر ئەتىراپىدابولغان نان يېقىشتا ئىشلىتىدىغان سايمان) ئېلىپ تۇنۇرغا ياقىدۇ، بىرنى يېقىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ياقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پىشقان ناننى ئۇدۇللۇق ئىلمەك بىلەن ئىلىپ تۇنۇردىن سۇيۇپ ئالىدۇ؛ مۇشۇنداق مەشخۇلات تەرتىپى بۇيىچە ئويغۇر چوڭ نانلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.. بۇ نانلارنى كىشىلەر ياخشى كۈرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان بۇلۇپ، يېراققا يۆتكەشكە ۋە ساقلاشقا ئەپسىز ئەمما دالا سەپىرىگە چىققاندا تولۇمۇ قولايلىق تاماق ھىساپلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#