ئىرېلاندىيە

ئېرلاندىيە

ئىرېلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئىرېلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان، تۇلۇق نامى ئىرېلاندىيەە جۇمھۇرىيىتى، ‹‹غەربتىكى ، يېشىل ئارال ›› دېگەن مەنىدە . ئۇ يەنە ‹‹يېشىل ئارال ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئىرېلاندىيە 爱尔兰
پايتەختى دۇبلىن
نوپۇسى 4 مىلىيون 64 مىڭ
يەر مەيدانى 70 مىڭ 273 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 爱尔兰共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ئىرېلاندىيە تىلى ، ئىنگىلىز تىلى
نوپۇس زىچلىقى 65.36 \ كۋادرات كىلومېتر (2013-يىل)
ئىنگىلىزچە نامى The Republic of Ireland

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېرلاندىيە ئىرېلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئىرېلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان، تۇلۇق نامى ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى، ‹‹غەربتىكى ، يېشىل ئارال ›› دېگەن مەنىدە . ئۇ يەنە ‹‹يېشىل ئارال ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

 ئىرېلاندىيەنىڭ يەر مەيدانى 70 مىڭ 273 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى   4 مىلىيون 64 مىڭ، ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولۇپ، پاكار تاغلار، ئېدىرلىقلار بار، ئوتتۇرا قىسمىدا تۈزلەڭلىكلەر بار.

ئېرلاندىيەئىرېلاندىيە قەدىمدىن تارتىپ كىلىت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي. 12 - ئەسىردىن باشلاپ ئىنگلىزلار تەسىرىنى كىرگۈزۈشكە باشلىغان. 1801 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدا  تۈزۈلگەن ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى بويىچە، <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ قۇرۇلغان. 1921 - يىلى 12 - ئايدا ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ئورۇن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، شىمالدىكى ئالتە ئورۇن يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قېلىۋەرگەن. 1937 - يىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. بىراق يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1949 - يىلى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان.

ئىرېلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئىرېلاندىيە ئارىلىغا جايلاشقان، تولۇق نامى <ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى>. دۆلەت نامى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. بۇ جاينى مىلادىدىن بۇرۇن رىملىقلار Hibernia، قەدىمكى يۇنانلىقلار Ierne، كارتىلار Erin دەپ ئاتاشقان. ئۇنىڭ نامى ئادەتتە كارىت تىلىدىكى iar سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، مەنىسى <كەينى تەرەپ> بولۇپ، كۆچمە مەنىسى <غەرب>،چۈنكى بۇ ئارال ياۋروپانىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ خىل نام يەنە ئېھتىمال قەدىمكى كارىت تىلى ۋە قەدىمكى ئارىئان مىللىتىدىكى Iverni, Ierni ياكى Erni دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ۋېرگىنلەر بۇ ئارالغا كەلگەندىن كېيىن، نامىنىڭ كەينىگە  land سۆزىنى قوشۇپ، ھازىرقى Ireland نامى پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <غەرب دۆلىتى> بولىدۇ. 1169 - يىلى ئانگىلو ساكسونلار بۇ ئارالنى بويسۇندۇرغان. 1801 - يىلى ئىرېلاندىيە - ئەنگلىيە بىرلىشىپ <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى> نى قۇرغان. 1921 - يىلى ئېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ۋىلايەت <ئەركىن فېدىراتسىيە> بولۇپ قۇرۇلغان. 1937 - يىلى 4- ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى <ئىرېلاندىيە> دەپ بېكىتكەن. 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان.     ئۇ 1973 - يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئىرېلاندىيە 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، 1937 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. شۇ يىلى تۈزۈپ چىققان ئىرېلاندىيە دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق، قىزغۇچ، سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق بولۇپ، يېشى رەڭ يەرلىك گالايكا ۋە نورمانان سىستېمىسىدىكى  ئاھالىلەرنى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇرۇشتا ئورېنخ پادىشاھى پېرۋېليامنى قوللىغان كىشىلەرنى، يەنى ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيە ئاھاللىرىنى، ئاق رەڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇھەببىتىنى بىلدۈرگەن. يەنى بىر خىل چۈشەندۈرۈش خرستوسلارنىڭ مۇھەببەت روھى بىلەن تولغان بولۇپ، يېشىل رەڭ ئېرلاندىيىدىكى كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلارنىڭ بەلگىسى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ پوتېسىتانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلارنى، ئاق رەڭ ئۈمىدىنى يەنى كاتولىك دىنىدىكىلەر بىلەن پروتېستانت دىنىغا ئېتقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مەڭگۈ توختىتىپ، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېىيىلگەن. دۆلەت گېربى كۆپ خىل نۇسخىدا بولغان، مەسلەن، ئېرلاندىيىنىڭ دۆلەت گۈلى بولغان ئاق ئۇچقۇلاق بىلەن سان پاترىك كرېسىت دۆلەت گېربىگە سىزىلغان. 1919 - يىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چىلتارنى دۆلەت گېربىگە تاللىغان ھەمدە ئۇنى تېگى كۆك قالقانغا سىزدۇرۇپ، دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلەتكەن.

ئېرلاندىيە  ئىرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولۇپ، پاكار تاغلار، ئېدىرلىقلار بار، ئوتتۇرا قىسمىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى مۆتىدىل ھەم يىللىق بولۇپ، دېڭىز  ئوكيان خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. يامغۇر مىقدارى مول، شۇڭا ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.

 3 مىليون 500 مىڭ،  بۇنىڭ %98.7 ئىرلاندىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا كىلىت، دانىيىلىكلەر، نورمانلار، شوتلاندىيىلىكلەر، ئىنگلىزلار بار. ئاھالىنىڭ %90 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىرلاندىيە تىلى  بىرىنچى دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ئىككىنچى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت بايرىقى 

ئېرلاندىيەيېشىل ، ئاق ، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ، تىك يوللۇق تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن . يېشىل رەڭ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىرېلاندىيەلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . قىزغۇچ سېرىق رەڭ پىروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇقنىڭ سىمۋولى . ئۇ يەنە يورۇقلۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭمۇ سىمۋولى .

دۆلەت گېربى 

ئېرلاندىيە قالقانسىمان گېرب بولۇپ ، يۈزى كۆك رەڭدە ، ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن رەڭ چىلتار بىلەن بېزەلگەن . كۆك رەڭ دېڭىز ۋە ئاسماننىڭ سىمۋولى . چىلتار ئىرېلاندىيە خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ‹‹پەرىشتە سازى ››دۇر .

ئېرلاندىيەئىرلاندىيە ئىقتىسادتا سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە  ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29 نى تەشكىل قىلىدۇ (1983). پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4 دىن 3 قىسمىنى ئوت - چۆپلۈكلەر بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن دۆلەتتىكى 12 مىليون مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ %90 دە چارۋىچىلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي، چوشقا، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلۋا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم كىرىم مەنەسى ھېسابلىنىدۇ، سانائەتتە ئېلېكتر، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.[1][0]

4 مىلىيون 64 مىڭ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#