يالپۇز جەۋھىرى
يالپۇز جەۋھىرى بولسا چۇقا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇزى بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۈپىدىن خىمىيلىك ئۇسۇللار ئارقىلق ئېلىنغان جەۋھىرى قىسىمى « يالپۇز جەۋھىرى » ياكى «مىنتول » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . قان توختىتىش ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يالپۇز جەۋھىرى بولسا چۇقا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇزى بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۈپىدىن خىمىيلىك ئۇسۇللار ئارقىلق ئېلىنغان جەۋھىرى قىسىمى « يالپۇز جەۋھىرى » ياكى «مىنتول » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . بۇنىڭ ئۆسۈملۈكى يالپۇز دەريا ، ئۆستەڭ ئېرىق بويلىرى ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ ،كۈزدە يالپۇزنىڭ پۈتۈن چۆپىنى ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ ياكى ھۆل ھالەتتە يىغۋالمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىردىن تېپىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1. يالپۇز جەۋھىرىدىن 0.2 گرام، شاتۇت ۋە بىنەپشەدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئاخىرىدە يالپۇز جەۋھىرىنى قوشۇپ ئىچسە، گال ئاغرىقى ۋە ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. يالپۇز جەۋھىرى 0.2 گرام ، تەرخەمەك ئۇرۇقى ، قوغۇن ئۇرۇقى ، ئوغىرىتىكەن قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىنى 10 گرامدىن ئېلىپ ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، ئاخىرىدە يالپۇز جەۋھىرىنى قوشۇپ ئىچسە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ .
3. يالپۇز جەۋھرىدىن 0.2 گرام ، ئەرەپ يىلىمى ، كەتىرا ، تاباشىر قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىنى بەش گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە ، ئىچكى ئەزالاردىكى ھەرخىل قاناشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
جەۋھىرى شىپا .
گال ئىششىقى، قان قۇسۇش، قان تۈكۈرۈش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل ئاغرىش ، ئۇرۇلۇپ– سۇقۇلۇشدىن بولغان زەخىملىنىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، رېماتىزىم، ئاشقازان ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.