قىزىل سايۋا ئۈزۈم

قىزىل سايۋا ئۈزۈم

قىزىل سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل ۋە شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان ، پىچان ، قۇمۇل ۋە شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدۇ .  ئائىلىلەردە باراڭغا ئېلىپ مۇۋاپىق تەربىيىلىسە ناھايىتى كۆركەم كۆرۇنىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى كۈچلۈك باشقۇرۇش ئوڭاي ، بىراق بىر يىلى كۆپ ، بىر يىلى ئاز مېۋە بىرىدۇ . مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال يۆتكەشكە ئەپسىز. سۇ ، ئوغۇتقا قويغان تەلىپى يۇقىرى ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئوتتۇراھال ، نەملىك ئېشىپ كەتسە مېۋە يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۇنىدۇ . 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ، 9 - ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ ، ھۆل يىيىشكە تازىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ .

قىزىل سايۋا ئۈزۈم گۈلى قوش جىنىسلىق گۈل . بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى 350 -1000 گرام كېلىدۇ . ساپاق شەكلى يۇمىلاق كونۇس شەكلىدە ، مېۋىلىرى شالاڭ ، تەكشى ئورۇنلاشقان ، مېۋە دانىسى چوڭ ياكى ناھايىتى چوڭ . ئوتتۇرىچە يەككە ئېغىرلىقى 3.95 گرام ، ئەڭ چوڭ بولغاندا 6 گرام كېلىدۇ . مېۋە دانىسى پىشقاندا ئوچۇق قىزىل ياكى جىگەررەڭگە ئۆزگىرىدۇ ، ناھايىتى كۆركەم كۆرىنىدۇ . مېۋە پوستى نېپىز ، ئېتى چۈرۈك ، شىرنىسى كۆپ ، تەمى تاتلىق ، ھەر دانە مېۋىسى ئىچىدە 2 -3 تال ئۇرۇقى بار ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى قەنت مىقدارى %23 - 22 ، مېۋىسى ئاسان تۆكۈلمەيدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#