21-ئىيۇل ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى
1975-يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن سىرتقى مائارىپ كومىتېتىنىڭ «ئىشچى-دېھقانلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مائارىپىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، دازەيچە ناھىيىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتقان ھەمدە «21-ئىيۇل» ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاكتىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
21ئىيۇل ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى1968-يىلى 7-ئايدا، ماۋزېدۇڭ «شاڭخەي ستانوك زاۋۇتى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە مەسىلىسى» دېگەن ماقالىگە تەستىق سۆزى يازغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9-ئايدا شاڭخەي ستانوك زاۋۇتى ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان. 1975-يىلى 11-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتىن سىرتقى مائارىپ كومىتېتىنىڭ «ئىشچى-دېھقانلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مائارىپىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، دازەيچە ناھىيىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتقان ھەمدە «21-ئىيۇل» ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاكتىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1976-يىلى شىنجاڭدا «21-ئىيۇل» ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 323 ى بولغان. ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 3115 نەپەرگە يەتكەن. يېرىم ئىشتىن
ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 4173 نەپەرگە يەتكەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «21-ئىيۇل» ئىشچىلار ئۇنىۋېرسىتېتى خارابلاشقان. 1981-يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.