شىنجاڭ قانتېپەرى

شىنجاڭ قانتېپەرى

شىنجاڭ قانتېپەرىتال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش، ئېغىز قۇرۇش، كۆپ تەرلەش، باش قېيىش، بوۋاسىر، بالىياتقۇ چىقۇقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ قانتېپەرى
ئىنگلىزچە Clematideease
تەمى تەمسىزرەك، پۇرىقى سۇس
باشقا نامى بەھمەن سەفىد چينى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 新疆党参xing jiang dang shen
شەكلى يىلتىزى ئۇزۇن سىلىندىر شەكىللىك، سىرتقى يۈزى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، يىلتىزىنىڭ باش قىسمى ئىنچىكە
چىقىش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگە جايلىرىدىن چىقىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ قان تېپەرىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلىتىزى «بھىمەن سەفىد چينى» ياكى «شىنجاڭ قان تېپەرى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

يىلتىز

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش، ئېغىز قۇرۇش، كۆپ تەرلەش، باش قېيىش، بوۋاسىر، بالىياتقۇ چىقۇقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ قان تېپەرىنىڭ يەر ئۈستىدىكى قىسمى يىلتىزىنىڭ ياسالمىسىنىڭ مىقدارى ھەر بىر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 0.005–0.006-0.007گرام بولـغـانـدا، كىچىـك چاشـقـانـنىـڭ جىسمانـى كـۈچـىـنـى كۈچەيتىدۇ. ھايۋاناتلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.

خاس تەسىرى

تالنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئورۇنباسارى

تاباشىر

ئەكىس تەسىرى

ئۈچەيدە توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەترا، ئەرەب يىلىمى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سۇپۇپى تاباشىر

1. شىنجاڭ قان تېپەرى، بىخسوس، پىچەكگۈل، ھېلىلە، جۇيۇزنىڭ ھەر بىرىدىن 9 گرامدىن، گىل مەقتۇمدىن 15 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، تال ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2.تاباشىر 5 گرام، ئانار گۈلى 3 گرام، شىنجاڭ قان تېپەرى 5 گرام، يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئىچى سۈرۈشنى توختۇتىدۇ.

3.قانتېپەر، پىننە، جوۋۇىنە، زىرە 10 گرامدىن سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچسە، ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

مىقدارى

3-6 گرامغىچە[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلەكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=228

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#