ئۇيغۇرچە نامى بايانداي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
پىنيىنچە يېزىلىشى bā yàn dài zhèn
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴彦岱镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايانداي بازىرىبايانداي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. 2015- يىلى 5-ئايدا، بايانداي بازىرى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىشتاتلىق بازار بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بازار بولغان.

ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، سىببې، ئۆزبېك، روس، قاتارلىق 35 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 49.24، خەنزۇلار % 35.13، خۇيزۇلار 7.57%، قازاقلار % 4.49 نى ئىگەللىگەن.

بايانداي بازىرى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ھەر مىللەت خەلقى ئۇزاق مۇددەت بىللە ياشاش داۋامىدا مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بىر-بىرىدىن قوبۇل قىلغان، لېكىن ھەرقايسىسى يەنىلا روشەن قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى سەنىمى، رۇسلارنىڭ تەپ ئۇسۇلى، قازاقلارنىڭ ئوغلاق تارتىشىشى، قىز قۇۋار ۋە مىللىي تاۋۇشى، ئاقىنلار ئېيتىشىشى، ئىلى مەشرەپى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بار.

بۇلار غەربىي شىمالدىكى چېگرا شەھەر چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان، بايانداي بازىرى قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۇگۇنى بولۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش شارائىتى ئەۋزەل، شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سودا شەھىرى.

بىر قەدىمىي يىپەك يولى، يەنە نۇرغۇن تارماق لىنىيە ئارقىلىق جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇلانغان، تارىختا غۇلجا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر ئاۋات سودا شەھىرى بولغان.

قارمىقىدىكى 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى: بايانداي كەنتى، يېڭى كەنت، دۆڭبازار كەنتى، سەندەن كەنتى، تېجاڭلۇ كەنتى ، گانگۇ كەنتى، سۇلۇق ئالمۇتا كەنتى قاتارلىقلار بار.

شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 2007-يىلى، 50 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئېلىپ بارغان، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت دېھقانلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى ھەرقايسى كەنتلەرگە ئالتە قارار خەنزۇ تىلى كۇرسى ئاچقان، تەربىيلەشنى قۇبۇل قىلغان دېھقانلار 1350 سانى ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

تۇپراق : تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىدا بايانداي بازىرىنىڭ ئاساسلىق تۇپراق تىپى: زەي تۇپراق، ئۆلكە تۇپراق، قارا چىلان تۇپراق، بېغىر توپا تۇپراق، بوز تۇپراق، سۇب ئالىپ چىملىق تۇپراق، چىملىق تۇپراق، سازلىق تۇپراق قاتارلىقلار بار.

سۇ سىستېمىسى : بايانداي بازىرى تەۋەسىدىكى ئاساسلىق ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەنى خەلق ئۆستىڭى، شىمالىي تارماق ئۆستەڭ. ئىتتىپاق ئۆستىڭى ۋە ئون نەچچە خىل بۇلاق سۈيى، شىمالىي تارماق ئۆستىڭى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسلىق بولغان ئىككى ئۆستىڭى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#