نارېندرا مودى

نارېندرا مودى

نارېندرا مودى 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستان نىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە بىر تۆۋەن قاتلام ئائىلىدە تۇغۇلغان، ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نارېندرا مودى
باشقا نامى مودى
يۇرتى گۇجارات ئۆلكىسى
كەسپى دۆلەت زۇڭلىسى
ئوقۇش تارىخى دوكتۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳伦德拉·莫迪
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى گۇجارات ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىنگلىزچە نامى Narendra Modi

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نارېندرا مودىنارېندرا مودى 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستان نىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە بىر تۆۋەن قاتلام ئائىلىدە تۇغۇلغان، بالىلىق مەزگىلىدە دادىسىغا ياردەملىشىپ چاي ساتقان، كېيىن گۇجارات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، سىياسەت پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، مودى ھىندى دىنى پىدائىيلار تەشكىلاتى خەلق پىدائيلار ئەتىرىتىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن.

نارېندرا مودى 1985-يىلى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە كىرگەن. 1988-يىلى، مودى مەزكۇر پارتىيەنىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىياسىي مۇنبەرگە رەسمىي قەدەم قويغان.

مودىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى 1995-يىلى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ پارلامنېت سايلىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1995-يىلى، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

1995-يىلى، مودى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ مىنىستىرلار باشلىقى بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا مۇشۇ ۋەزىپىدە بولۇپ، گۇجارات ئۆلكىسىدە ئەڭ ئۇزاق مەزگىل مىنىستىرلار باشلىقى بولغان ئەمەلدار بولۇپ قالغان.

نارېندرا مودى2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ سايلىمىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغان. ئالاقىدار قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن، مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن، يەنە ئۇ بۇ پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ھىندىستان خەلق پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زۇڭلىسى نارېندرا مودى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭى دېھلىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

نارېندرا مودى مىنىستىرلار باشلىقى بولغان مەزگىلدە، مودى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزگەن.

چەت ئەلنىڭ مەبلىغى ۋە تەجرىبىسىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مودى يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگو، ياپونىيە ۋە سىنگاپورلاردا زىيارەتتە بولغان.

ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھىندىستان بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، «ھىندىستاندىكى گۇاڭدۇڭ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

بۇ ئۆلكە ھىندىستاندىكى ئەڭ باي، تەرەققىي قىلغان ئۆلكىگە ئايلانغان. مودى مۇشۇ ئىشلىرى بىلەن ھىندىستان ئىقتىسادىدىكى ئىقتىدارلىقلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ھىندىستان سىياسىي مۇنبرىدىكى كاتتا سىياسىي چولپانغا ئايلانغان.

2013-يىلى 9-ئايدا، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ 2014-يىللىق زۇڭلى رىقابىتى نامزاتى بولغان.

نارېندرا مودىسايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، مودى بىر «يېڭى ھىندىستان» بەرپا قىلىپ ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، چىرىكلىكنى تۈگىتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەمدە گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#