لازېرلىق راكېتا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھازىرقى راكېتالارنىڭ ھەممىسى خىمىيىلىك راكېتا بولۇپ، ئۆزى ھەم يېقىلغۇنى، ھەم ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتنى ئېلىپ يۈرىدۇ. يېقىلغۇلارنىڭ ئېغىرلىقى قۇرۇق راكېتا ئېغىرلىقىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لازېرلىق راكېتا لازېر نۇرى تەمىنلىگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن ماڭىدۇ، گەۋدىسى كىچىك بولغىنى بىلەن، تېخىمۇ چوڭ ۋە ئېغىر سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئۇچار كېمىنى توشۇيالايدۇ.
لازېرلىق راكېتا ئادەتتە ئۈزۈلمەس تىپلىق ۋە ئىمپۇلس تىپلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. لازېر نۇرى يەر يۈزىدىكى لازېر پونكىتى ياكى بوشلۇقتىكى لازېرلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۈنئىي ھەمراھ تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ، بىر يۈرۈش قۇرۇلما ئارقىلىق، قول چىرىغىغا ئوخشاش، لازېر دەستىسى راكېتا ماتورىنىڭ يېنىش كامېراسىغا چۈشۈرۈلۈپ، ئىتتىرگۈچنى(پروپېللانتنى) قىزىتىپ، جىددىي كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ھارارەت-يۇقىرى بېسىملىق يېقىلغۇ گاز ئېقىمى شەكىللىنىپ، غايەت يۇقىرى تېزلىكتە پۈركىلىپ، غايەت زور ئىتتىرىش كۈچى پەيدا بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئۇچار كېمىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ.
لازېرلىق راكېتا ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توشۇغۇچى قورال بولۇپلا قالماي، «ھەممىگە قادىر» لىقى بىلەن، لازېردىن پايدىلىنىپ خەۋەرلىشىش، قوماندانلىق قىلىش ۋە يول باشلاش ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.