تۇخۇم
تۇخۇم قۇرۇقلۇقتىكى بەزى تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنى كۆرسىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇخۇم قۇرۇقلۇقتىكى بەزى ھايۋانلار تۇغقان تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ، تۆرەلمە سىرتىدا سۇدىن ساقلىنىش قېپى بار. قۇش تۈرى، يەر باغىرلىغۇچىلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرىدىكى ئۆردەك تۇمشۇق ۋە خالتىلىق چاشقان ئائىلىسىدىكىلەر، ھاشاراتلارمۇ تۇخۇم تۇغىدۇ. مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ئاستىدا، تۇخۇم چوقۇم بەلگىلىك ۋاقىتتا تۇخۇمدىن چىقىدۇ، لىچىنكا ئېغىز قىسمىنىڭ يوقارقى تەرىپىدىكى مۈڭگۈزسىمان نەرسىسى بىلەن تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىدۇ.
تۇخۇم ئىنسانلارنىڭ مۇھىم بولغان يېمەكلىكنىڭ بىرى، تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، باھاسى ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دۈملەپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، تورت قاتارلىق ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى دەپ قارىلىپ كەلگەن.
كۆپ ئۇچرايدىغان تۇخۇملاردىن: توخۇ تۇخۇمى، ئۆردەك تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى، بۆدۈنە تۇخۇمى قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توخۇ تۇخۇمى ئەڭ ئومۇملاشقان.
تۇخۇم ئادەتتە تۇخۇم شاكىلى، تۇخۇم سېرىقى، تۇخۇم ئېقى، تۇخۇم ئىلىنچىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇخۇم شاكىلى
تۇخۇم شاكىلىتۇخۇم شاكىلى تەركىبىدە مول كالتسىي كاربونات بار، ھەزىم قىلىنىشى، بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى ناھايىتى ئاسان، كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى مەنبە. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 2 گىرام تۇخۇم شاكىلىنى ئېزىپ پاراشوك ھالەتتە ئىستېمال قىلغاندا، كالتسىي يېتىشمەسلىك، سۆڭەك مىقدارى ئازىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ۋە غوللار تېلىپ ئاغرىش، ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش ياكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تۇخۇم سېرىقى
تۇخۇم سېرىقىتۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كالتىسى، لېتسىتىن ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول. تەركىبىدىكى لېتسىتىن ئاشقازان-ئۈچەي تەرىپىدىن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ ئاجىرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە ئاستى ماي ئۆسمىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تۇخۇم ئىلىنچىقى
تۇخۇم سېرىقى ئەتراپىدا ئىككى تال ئاق رەڭلىك زەنجىرسىمان ماددا بار، بۇ تۇخۇم ئىلىنچىقى، ئۇ ئاقسىلنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى.
تۇخۇم ئىلىنچىقىئۇنىڭ تەركىبىدە بىر خىل قارلىغاچ ئۇۋىسىنىڭ تەركىبى بار، «شۆلگەي كىسلاتاسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ۋىرۇس بىلەن بىرىكەلەيدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋىرۇس يوقىتالايدۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە راكقا ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
تۇخۇمدىن، دۈملەنگەن تۇخۇم، مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
تۇخۇمدا قىلىنغان يېمەكلىك مەھسۇلاتدىن تۇخۇم تۈرمىلى، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان چۈرۈك تۇخۇم، تورت، تۇخۇم شورپىسى، تۆت رەڭلىك تۇخۇم، ھاكتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، تۇزلۇق ئۆردەك تۇخۇمى، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.