ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى مېۋىلىك دەرەخ سېرىق ئۆرۈك ۋە سېبىرىيە ئۆرۈكى بولۇپ، قۇرۇتۇلغان مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەمى ئاچچىق، 6 – 7 – ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ. ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك، مېۋىلىك دەرەخ بۇلۇپ، رايونىمىز ۋە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
1. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، سىيادان، ئامىلە يېغى، شاپتۇل مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ ئامىلە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا، چاچنى قارايتىدۇ.
2. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، بادام مېغىزى، زىغىر قاتارلىقلاردىن 3 گرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
سۇفۇپى سۇئال.
چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، زۇكام، يۆتەل، دەم سىقىلىش، قەۋزىيەت، جىگەر ياللۇغى، ھەر خىل يارا، جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتلىدۇ.
ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە ئامگىدالىن (Amygdalin)، ئېمولسىن (Emulsin)، ماي ۋە خولېستېرول (cholesterol)، ئېستىرون(Estrone) 2– ئېستىرادىئول (2-Estradiol) قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تول
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.