دانىيە ئۇرۇشى

丹麦

دانىيە ئۇرۇشى 1864- يىلىدىكى پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ دانىيىگە قارشى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۈچ قېتىملىق سۇلالىلەر ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نامى دانىيە ئۇرۇشى
باش قوماندان بېسمارك
ئورنى دانىيە
نەتىجىسى تىنىچلىق كىلىشىمى ئىمزالانغان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 丹麦战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار دانىيە، پىرۇسسىيە، ئاۋىستىرىيە
ۋاقتى 1864-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دانىيە ئۇرۇشى 1864- يىلىدىكى پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ دانىيىگە قارشى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۈچ قېتىملىق سۇلالىلەر ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 19- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيىنىڭ كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، گېرمانىيىنى پەيدىنپەي بىر سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. بىراق، گېرمانىيە بۇ چاغدا يەنىلا بۆلۈنۈپ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەنىدى.پروسسىيە گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىچىدىكى زېمىنى ئەڭ كۆپ، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون ئىدى. 1862- يىلى بېسمارك پروسسىيە باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دېپلوماتىيە بولغاندىن كېيىن، «تۆمۈر بىلەن قان» غا تايىنىپ، خەلقئارا ماجرالاردىن ۋە پايدىلىق پۇرسەتتىن دادىل پايدىلىنىپ، بىر قاتار تاشقىي ئۇرۇشلارنى قوزغاش ئارقىلىق «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە» گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇنلاشتا قەتئىي چىڭ تۇردى.

   بېسمارك گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى دانىيىگە قاراتقان ئۇرۇشتىن باشلىدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى شىلېسۋىش-خۇرىستان مەسىلىسى ئىدى. 1863- يىلى 11- ئايدا دانىيە ئېلبا دەرياسى ساھىلدىكى ئىككى بەگلىك-شېلېسۋىش بىلەن خۇرىستاننى قورشىۋالدى. بۇ 1852- يىلى روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيە، پروسسىيە، شىۋېتسىيە ۋە دانىيىلەر ئىمزالىغان لوندون كېلىشىمنامىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يەردىكى گېرمانلارنىڭ قارشىلىقىنىمۇ قوزغىدى. پروسسىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گېرمانلار دېگەن باھانىدە ئاۋسترىيە بىلەن شېرىكلىشىپ، 1864- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى دانىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. 60 مىڭ كىشىلىك پروسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پروسسىيە باش قۇماندانى فرانگېرنىڭ قۇماندانلىقىدا شىلېسۋىش چېگرىسىدىن ئۆتتى. 2- ئاينىڭ 6- كۈنى دانىيە ئارمىيىسى شىلېسۋىش ئەتراپىدىكى دالۋېرك ئىستھكامىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، ژىلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا چېكىنىپ باردى. 4- ئاينىڭ 18- كۈنى پروسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى دانىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرى لوندوندا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. بىراق، سۆھبەتتىن نەتىجە چىقمىدى. 6- ئاينىڭ 26- كۈنى قايتىدىن ھۇجۇم قوزغىغان پروسسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئالىس بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، يوتلاندىيە ۋە ئالىسون ئاراللىرىنى تولۇق كونترول قىلدى. دانىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مادارى يەتمىگەچكە، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ۋېنادا رەسمىي تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشمۇ ئاياغلاشتى.

   ۋېنا تىنچىلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن، شىلېسۋىش، خۇرىستوندىن ئىبارەت بۇ ئىككى كېنەزلىك ۋە لائېنبورگ كېنەزلىكى دانىيىدىن ئايرىپ چىقىرىلىپ، پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، بېسمارك ئۆزىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى 1- باسقۇچلۇق مۇساپىنى بېسىپ، پروسسىيىنىڭ شىمالىي گېرمانيىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دانىيە ئۇرۇشىنىڭ غەنىيمەتلىرىنى بۆلۈشۈش مەسىلىسى بېسماركنىڭ پروسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىنى قوزغىشىغا يوشۇرۇن تۇترۇق بولۇپ كۆمۈلۈپ تۇردى.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#