زۇڭلاڭ يېزىسى

زۇڭلاڭ يېزىسى

زۇڭلاڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى زۇڭلاڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 72.75 كۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى زۇڭلاڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宗朗乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 5322 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زۇڭلاڭ يېزىسىزۇڭلاڭ يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. يېزا تەۋەسىدىكى جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 14.25 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، كۆلىمى 72.75 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىنىڭ شەرقىي تەرىپى لوق يېزىسى، جەنۇبىي ۋە غەربىي تەرىپى ئۇششاقباش بازىرى، شىمالىي بەشئېرىق يېزىسى، تېتىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئاھالىلەر 1272 ئائىلە، نوپۇسى 5322 ئادەم، 997 ئەمگەك كۈچى، نامرات نوپۇس 3412 ئادەم.

زۇڭلاڭ يېزىسىيېزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئۇششاقباش-زۇڭلاڭ تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700-1900 مېتىر. كەڭ كەتكەن شېغىللىق چۆل ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇرۇك ئۆستەڭبويى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بوستانلىق تۇپراق قەۋىتى بىرقەدەر نېپىز. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۈزلەڭ تۆۋەن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10.8، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6.4، 7- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22.7، يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃3760. 

زۇڭلاڭ يېزىسىزۇڭلاڭ يېزىسى قاراشلىق ئالتە مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ھەسەنيار كەنتى، ئاياغ زۇڭلاڭ كەنتى، باش زۇڭلاڭ كەنتى، ئايكەنت كەنتى، ئاياغ كەڭساي كەنتى، باش كەڭساي كەنتى قاتارلىقلار. جەمئىي 31 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 22 مىڭ مو، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 17 مىڭ 836 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 3.1 گېكتار. ئاساسلىقى بۇغداي ۋە قوناق تېرىلىدۇ، 2005-يىلى پۈتۈن يېزىدىكى بۇغداي كۆلىمى 6500 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 587 مىڭ كىلوگرام، مو بېشى مەھسۇلاتى 398 كىلوگىرام، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون 22 مىڭ 110 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 592.9 يۈەن؛ ئاق يەرگە تېرىلغان قوناق كۆلىمى 4000 مو، مو بېشى مەھسۇلاتى 850 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 297.5 كىلوگىرام، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون 528 مىڭ 750 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 497 يۈەن؛ ئېڭىز قوناق كۆلىمى 3000 مو.

 يېزا بويىچە چارۋا 15489 تۇياق (دانە)، ياش چارۋا 14525 تۇياق (دانە)، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 1235 تۇياق، قوي 13290 تۇياق. يېزا بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي قۇشلىرى 79090 دانە، بۇنىڭ ئىچىدە توخۇ، ئۆردەك 61933 دانە، كەپتەر 17157 دانە؛ باشقا چارۋا 510 دانە. 400 تۇياقتىن ئارتۇق سېرىق كالا. باغۋەنچىلىك كۆلىمى 12 مىڭ مو، ھازىرقى 370 مىڭ تۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مېۋە 70 تۈپ. ئۆرۈك 121 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن.

زۇڭلاڭ يېزىسى2005-يىلى يېزا بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 397 مىڭ 72 يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليون 134 مىڭ 700 يۈەن؛ 

چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون 334 مىڭ يۈەن؛ باغۋەنچىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون 314 مىڭ 900 يۈەن؛ 

2-، 3-كەسىپ ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 613 مىڭ 600 يۈەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1720 يۈەن بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇش.

11-بەش يىللىق پىلان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى: 2010-يىلغا بارغاندا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى  57 مىليون 560 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2005-يىلدىكىنى ئىككى قاتلاپ، 6880 يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىقتىن قىلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1580 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى %23 نى ئىگىلەيدۇ؛ 

چارۋىچىلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى %14.5 نى ئىگىلەيدۇ؛ باغۋەنچىلىك كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3500 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %51 نى ئىگىلىگەن؛

2-، 3-كەسىپ ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش ئوتتۇرىچە كىرىمى 800 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى %11.5 نى ئىگىلەيدۇ؛ 

كوللېكتىپ ئىگىلىك جەھەتتە: يېزا كوللېكتىپ كىرىمى 400 مىڭ يۈەن، ئالتە كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

زۇڭلاڭ يېزىسىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيىدىن تۆت، بىر يېزا دەرىجىلىك مەدەنىيەت پونكىتى؛ بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 12 سىنىپ، 4 باشلانغۇچ مەكتەپ، 35 سىنىپ، 2 ئوقۇتۇش نۇقتىسى، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچى 57 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 23 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 34 نەپەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 483 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە 956 نەپەر، جەمئىي 1439 ئادەم، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. ئىتتىپاق ئەزاسى ئوقۇغۇچىلار 162 گە يەتكەن.

يېزا بويىچە يېزا دەرىجىلىك شىپاخانا بىر، ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توققۇز نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاقىتلىق ئىشچى بىر؛ كەنت دەرىجىلىك ئامبۇلاتورىيە 6؛ ھېساپ تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئادەتتە مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ، يېزا بويىچە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان-چارۋىچىلار 4320 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %88 نى ئىگىلىگەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#