شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى

ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ <ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2012-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 33-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2012-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2012-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区森林防火条例实施办法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2012-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» نى يولغا قويۇش چارىسى

            شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

                                   179-نومۇرلۇق

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ <ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2012-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 33-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2012-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                                                    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

                                                                                      2012-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى

1–ماددا بۇ چارە گوۋۇيۈەننىڭ «ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، شەھەر رايونىدىكىسى بۇنىڭ سىرتىدا.

3-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجىمۇدەرىجە مەسئۇلىيەتنامە تۈزۈپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە نىشانى، ۋەزىپىسى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلارنى يىللىق نىشان، مەسئۇلىيەت بويىچە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك:

(1) ئورمان ئوت مۇداپىئەسى بويىچە قوماندانلىق، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىگنال-ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛

(2) نۇقتىلىق ئورمان رايونىدا ئوت ئەھۋالىنى كۆزىتىش مۇنارى، ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىدىغان تۇر، ئېلېكتىرون كۆز، قاراۋۇلخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش؛

(3) ئورمان رايونىدىكى ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى ياكى كىشىلەر كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان جايلاردا ئورمان ئوت مۇداپىئەسى بويىچە مەڭگۈلۈك تەشۋىقات-ئاگاھ تاختىسى ئورنىتىش؛

(4) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھەسى قۇرۇش؛

(5) ئورمان بايلىقىنىڭ جايلىشىشىغا قاراپ، بىيولوگىيەلىك ئوت مۇداپىئە ئورمان بەلبېغى بىنا قىلىش ياكى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى قويۇش، ئوت مۇداپىئە يولى ياساش.

ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش بېجى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ھەققى، ئورمان ئوت مۇداپىئە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش چاستوتىنى ئىگىلەش ھەققى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە مەخسۇس مەبلىغىنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قاراپ تەدرىجىي كۆپەيتىدۇ.

ئورمان ئوت مۇداپىئە مەخسۇس مەبلىغى ئاساسلىقى ئورمان ئوت مۇداپىئەسى كۈندىلىك خىزمىتى، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەسىنى ياساش ۋە ئاسراش، ئورمان ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيەسى، ئورمان ئوت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئورمان ئوت مۇداپىئە جابدۇقىنى سەپلەش ۋە مەشىق قىلىش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە قۇرۇلغان ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت قوماندانلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ھازىرقى ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت ئۇل ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

8-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، چارۋىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت، خەلق ئىشلىرى، مېتېئورولوگىيە، ساياھەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئورمان ئوت مۇداپىئەسىگە ئائىت خىزمەتلەرگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

9-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

10-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى چىقىرىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىشى كېرەك.

11-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئالاقىدار ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرلەشمە ئورمان ئوت مۇداپىئە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە رايونىنى ئايرىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە مۇداپىئە تۈزۈمى ۋە تەدبىرىنى بېكىتىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە رايونىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

12-ماددا ئورمان، دەل– دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئاگاھ-تەشۋىقات بەلگىسى ئورنىتىدۇ؛ ئورمان ئوت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا قاراپ، بىيولوگىيەلىك ئوت مۇداپىئە ئورمان بەلبېغى بىنا قىلىدۇ ياكى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى قويىدۇ؛ زۆرۈر بولغان ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى تەييارلايدۇ ھەمدە ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق مەيدانى، ئورمان باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى ئورمان ئوت مۇداپىئە رەھبەرلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

ئورمان رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تىرىكچىلىك قىلىدىغان باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر ئورمان ئوت مۇداپىئەسىگە ئائىت بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق مەيدانلىرى، ئورمان باغچىلىرى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش كەسپىي قوشۇنى قۇرۇشى؛ ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن شۇنىڭدەك ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، ئورمان رايونىدىكى ئاھالە كومىتېتلىرى ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئاممىۋى ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.

ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش كەسپىي قوشۇنى ۋە ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئاممىۋى قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى ۋە جابدۇقلىرىنى سەپلىشى، تەربىيەلەش كۇرسى ۋە مانېۋىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

14-ماددا ئورمان، دەل– دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن شۇنىڭدەك ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى تۆۋەندىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە دائىر قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىش؛

(2) ئورماننى چارلاپ مۇھاپىزەت قىلىش، دالىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوت يېقىش قىلمىشىنى توسۇش، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى بايقاش ۋە تۈگىتىش؛

(3) ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛

(4) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتى دېلولىرىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىش.

15-ماددا تۆمۈريول، توك سىم يولى ۋە تېلېگراف سىم يولى، نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئورمان رايونىدىن ئۆتكەندە، ئۇنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپى بار ئورمان بۆلىكىدە مۇقىم ئورمان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە لىنىيەنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

16-ماددا ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلى بولىدۇ؛ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە مەزگىلى بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە مەزگىلىنى تەڭشەپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئورمان بايلىقىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىنى ئايرىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى دالىدا ئوت يېقىش مەنئى قىلىنىدۇ. كېسەل، ھاشارات ئاپىتى، ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، چارلاش، كان ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا دالىدا ئوت يېقىشقا توغرا كەلسە، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئوت يېقىش ھەمدە تۆۋەندىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك:

(1) يېقىن ئەتراپتىكى ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىقى بار ئورۇنلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

(2) ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى قويۇش؛

(3) ئۈچ بالدىن تۆۋەن شامال چىققان پەيتنى تاللاپ ئوت يېقىش ھەمدە ئوت كېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش؛

(4) ئوت ئىشلەتكەندە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە سايمانلىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) ئوتنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز ئۆچۈرۈۋېتىش؛

(6) زۆرۈر بولغان باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرى.

19-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت خەۋپىنى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايى شارائىتى، ئورماندا ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئاسان ئوت ئېلىش ئەھۋالى ۋە ئورماندىكى ئوتنىڭ يامراپ ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىشنىڭ خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ، ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر رايوننى ئايرىشى، ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر مەزگىلنى بەلگىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر مەزگىلىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر رايونغا كىرىدىغانلارنىڭ ئوت تۇتاشتۇرىدىغان نەرسە ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان نەرسىلەرنى ئەكىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق دۆلەت ئورمان رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرىشتىكى ئاساسلىق يول ئېغىزىدا ۋاقىتلىق ئورمان ئوت مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرگەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى، كىشىلەرنى تىزىملىشى ۋە ئورمان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئورمان ئوت خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورمان ئوت خەۋپىنى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايىدىن ھەقسىز مەلۇمات بېرىشى كېرەك.

رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئورمان ئوت مۇداپىئەسىگە ئائىت پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان ئوت خەۋپىنى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايى مەلۇماتى ۋە ئوت خەۋپى ئېغىر ھاۋارايى سىگنالىنى ۋاقتىدا ھەقسىز ئېلان قىلىشى، بېسىشى كېرەك.

22-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدا ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(2) ئورمان ئوت مۇداپىئە ئاگاھ-تەشۋىقات بەلگىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇش؛

(3) ئوت مۇداپىئە ئارىلىقىغا ياكى بىيولوگىيەلىك ئوت مۇداپىئە ئورمان بەلبېغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

(4) ئورمان ئوت مۇداپىئە مەخسۇس رادىيو چاستوتىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاشىلا قىلىش.

23-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانلىرى، ئورمان باغچىلىرى شۇنىڭدەك ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە نۆۋەتچىخانىسى قۇرۇشى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىشى؛ ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئورمان ئوت ئاپىتىنى بايقىغان ھامان، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئەھۋالنى ئېنىقلىشى ھەمدە چېكىنىشكە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا تېز تەشكىللەشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

24-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇشقا جىددىي بىر تەرەپ قىلغۇچى خادىملارنى، ئەشيا ۋە جابدۇقلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشى كېرەك.

25-ماددا ئادەتتىكى، چوڭراق ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئورمانغا ئوت كەتكەن ۋاقىت، جاي، سەۋەب، ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى، ئوت ئۆچۈرۈش– قۇتقۇزۇش ئەھۋالى، ئەشيا سەرپىياتى، تالاپەت ئەھۋالى، باشقا ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاشقا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى تەشكىللەيدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرىدۇ.

26-ماددا ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئورمان ئوت ئاپىتى سۇغۇرتا ھەققى ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ياردەم پۇل بېرىش تۈزۈمى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ پاكىت، قىلمىش ۋە ئاقىۋەتكە قاراپ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئورمان ئوت مۇداپىئە مەخسۇس مەبلىغىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(2) ئورمانغا ئوت كەتكەندە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي ياكى جايىدا ئادا قىلماي، ئېغىر زىيان ياكى تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛

(3) ئورماندىكى ئوت ئۆچۈرۈلۈپ بولمىغان ياكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قايتۇرۇۋېتىپ ياكى ئىش ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە كېتىپ قېلىپ، قايتا ئوت كەتكۈزۈۋەتكەنلەر؛

(4) ئورمان ئوت ئاپىتى دېلولىرىنى ياكى ھادىسە جاۋابكارىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(5) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

28-ماددا بۇ چارىنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

29-ماددا بۇ چارىنىڭ 19-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 22-ماددىسىنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شەخسكە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.

30-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

31-ماددا بۇ چارە 2012-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#