سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى

سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى

 سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى 18 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭەيگەن بىر خىل ئەدەبىي ئېقىم، ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن جەمئىيەتتە كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، تۆۋەن قاتلامدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئاقارتىش مەسلىكى تەشەببۇس قىلغان ئەركىنلىك، باراۋەرلك، ۋادارلىق قاتارلىق غايىلەر كۆپۈكتە يوققا چىققانلىقى تۈپەيلىدىن قايغۇ ـ ھەسرەت كەيپىياتى كېلىپ چىققان. 

ئۇيغۇرچە سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى
تۈرى ئەدەبىيات ئىقىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى 18 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭەيگەن بىر خىل ئەدەبىي ئېقىم، ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن جەمئىيەتتە كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، تۆۋەن قاتلامدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجادتىمائىي ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئاقارتىش مەسلىكى تەشەببۇس قىلغان ئەركىنلىك، باراۋەرلك، ۋادارلىق قاتارلىق غايىلەر كۆپۈكتە يوققا چىققانلىقى تۈپەيلىدىن قايغۇ ـ ھەسرەت كەيپىياتى كېلىپ چىققان. سېنتىمېنتالىزىمچىلار ئادەملەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئەقىل ـ ھېسسىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە ئايرىيدۇ، ئۇلار ئەقىلنىڭ نوپۇزى رېئال جەمئىيەتتىكى غايەت زور كۈچنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھېسسىيات جەھەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ شۇنداق قىلىپ، ئەدەبىياتتىكى ـ يېڭى پىكىر ئېقىمى ـ سېنتىمېناتالىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ تەبىئىي ھالدا كەلگەن.

      ئەنگلىيىدە سېنتىمېنتالىزىم ئەدەبىياتى شېئىر ۋە روماندىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ۋەكىللىك شائىرلاردىن جامېس تومسون، ۋەكىللىك ئەسىرى «تۆت پەسىل ناىشىلىرى» ، ئىدۋارد يوۋنگېر، ۋەكىللىك ئەسىر «شىكايەت ياكى ھايات ـ مامات، مەڭگۈلۈك كېچە توغرىسىدا» ، توماس گراي، گولدسمىت، ۋەكىللىك ئەسىرى «تاقىر كەنت»؛ رومانچېلاردىن: ساموئېل رىچاردسون، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «پارمېلا»، «كلارسىسا خاررو»، لاۋرېنس ستېرنى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «شاندى تەزكىرىسى»، «قايغۇ ھەسرەتلىك ساياھەت».

   سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسسىياتنى مۇبالىغە قىلىش، پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە  ھەمنەپەسلىكىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. ئۇلار تولا چاغلاردا ھايات ـ ماماتلىق، قاراڭغۇ كېچە ۋە غېرىبلىقنى تېما قىلدۇ، ئەسەرنىڭ ئىستىلى قايغۇلۇق. تىلى تۇتۇق بولىدۇ. ئۇلار يەنە ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يۇمۇرلۇق قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. سېنتىمېنتالىزم  يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ قوللىنىدىغان ئەدەبىيات ژانىرى مەرسىيە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە خەت ـ چەكلەر شەكلىدىكى رومانلاردىن ئىبارەت.

       سېنتىمېنتالىزم فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە روسىيىگە تارقالغان، ئورنى، ۋاقتى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش تەرەققىيات ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئىنتايىن مۇرەكككەپ ئەھۋاللار ئىپادىلەنگەن. فرانسىيىدە ھەقىقىي سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىي ئېقىم ۋۇجۇدقا كىلمىگەن، لېكىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى قېنىق قايغۇ ـ ھەسرەت تۈسىگە ئىگە بولغان، مەسىلەن: ژان ژاك رۇسسوننىڭ «يېڭى ئېروكىس » ناملىق ئەسىرى شۇنداق، گېرمانىيىدىكى بوراندا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بەزىلىرىمۇ رىھارد سون، ستېرنى، تۇسسو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۈچلۈك سېنتىمېنتالىزم تەركىبلىرى بار، رۇسسىيىدە بولسا، بىر مەھەل سېنتىمېنتالىزم ئېقىمى پەيدا بولغان، بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى ـ كارامزىن.

    18 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 19 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئورنىنى ئاستا ـ ئاستا رومانتىزم ئەدەبىياتى ئىگىلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەشتاش تورى:سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18492.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#