بۆرەك زەئىپلىكى

بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قىسقارتىلىپ بۆرەك زەئىپلىكى دىيىلىدۇ، ئۇ بۆرەك ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىش ، كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى ئىككى جەھەتتىكى ئۇقۇم بار . كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ،ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلاش,  ئادەتتىكى يېمەك - ئىچمەك ئاستىدا ئازۇتلۇق قان كېسىلىنىڭ پەيدا بولىشى . تار مەنىدىكى ئۇقۇم ، سوزۇلما بۆرەك فۇنكىسىيەسى تولۇق بولماسلىق سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش دىيىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى بۆرەك زەئىپلىكى
كېسەللىك سەۋەبى ھەرخىل ئىچكى تەسىرلەردىن بىر بۆرەك ياكى ھەر ئىككى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە چىقىرىش خىزمىتى بۇزۇلۇش ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچراش
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى بەل ئاغرىش، جىنسىي قۇۋۋەت ئاجىزلاش، سۈيدۈك قېتىمى ئازىيىش، ئورۇقلاش
خەنزۇچە نامى 肾衰
كېسەللىك ئورنى بۆرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى:  (1) تۈرلۈك بۆرەك كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك سىلى، بۆرەك تېشى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك ياللۇغى (%50-%60) نى ئىگەللەيدۇ. يەنى بۇنىڭدا بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى دافىئە ۋە ماسىكەسىنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ، بۆرەكنىڭ سۈزۈپ ئۈتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئىستىفراغ ۋە ئېھتىباس قالايمىقانلىشىپ، تەدرىجى بۆرەك ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

(2) زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەرخىل خىمىيىلىك دورىلار، بۇيۇملار، ئېغىر مېتال ۋە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. فوسفور، ئارسىنىك، كۈمۈش، سىماب، قوغۇشۇن، ئاليۇمىن، قۇرت، ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار، زەھەرلىك ھايۋانلار چېقىۋىلىش... قاتارلىقلار.

 (3) بىر قىسىم ئومۇمى بەدەن خاراكتىرلىك كېسەللكلەر ۋە ئۆتكۈر ئوفۇنەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىم، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىق ئۆتكۈر ئوفۇنەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

 (4) سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: سۈيدۈك يولىدىكى ئۆسمە، تاش، تارىيىش، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار.

 (5) باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى قان بېرىش رېئاكسىيىسى، زەخمىلىنىش، بېسىلىش (يەر تەۋرەش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش) قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:ئالامىتى بىماردا دەسلەپكى مەزگىلىدە ماغدۇرسىزلىق، كېچىدىكى سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. مەخسۇس ئالامەتلەر: بىماردا سۈيدۈك ئازلاش، سۇلۇق ئىششىق، ئاقسىللىق سۈيدۈك، يۇقىرى قـان بېسـىم ئىـپادىلىـرى بولىـدۇ.سـۇيـۇقـلـۇقلارنىـڭ ئالـمىشىـش تەڭـپۇڭلىقـى بۇزۇلۇپ. ماغدۇرسىزلىق، تاماقتىن سەسكىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ھەركەت سۇسلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپ ئۇخلاش، يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەتتا يۈرەك توختاش يۈز بېرىدۇ. قايسى خىل خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا تومۇرى شۇ خىل خلىتقا ماس ھالدا سېلىش بىلەن بىرگە ئاجىز، ئىنچىكە، تېز سوقىدۇ. ھەزىم سىستېما ئالامەتلىرىدىن ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، بەزىلەردە قانلىق تەرەت، ئاشقازان قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. يۈرەك قان تومۇر ۋە نەپەس سىستېمىسىدىكى ئالامەتلەردىن يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، ھاسىراش، يۈرەك سېلىش، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىش، بويۇن ۋەرىدى كۆپۈش، تال، جىگەر چوڭىيىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، كۆكرەككە سۇ چۈشۈش، نەپەس پۇرىقىدىن ئاممۇنىي پۇرىقى كېلىش بولىدۇ. نېرۋا سىستىمىسىدىكى ئالامەتلەردىن بىمارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، خامۇشلۇق، تەپەككۈر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، خىيال قىلىش، ئەس ھۇشى ئوچۇق بولماسلىق بولىدۇ. ھەركەت ئىقتىدارى يوقىلىدۇ.يەڭگىللىرىدە مۆچىلەر ئاغرىش، كۆيۈشۈش، بوغۈملار ئىششىش بولىدۇ. باش ئاغرىيدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ. مېڭە ئىچكى بېسىم ئېشىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن بىماردا ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، چىرايى تاتىرىش، نۇرسىزلىنىش، قان ئازلىق، تېرىلەر كۆكىرىش ، سۆسۈن داغ، قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى 

1-رېتسېپ

بۆرەك زەئىپلىكىتەركىبى: پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببەتۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گىرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گىرامدىن، جويۇز، بەسباسە، پىلپىل ئالتە گىرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گىرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گىرامدىن، ئۇدخام سەككىز گىرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، ھەسەل 140 گىرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سەۋزە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيان، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، كەرەپشە يىلتىزى پوستى 15 گىرامدىن، ئاقىرقەرھا، سەلىخە، زەپەر، مەستىكى، ئۇدخام ئالتە گىرامدىن، بەسباسە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ توققۇز گىرامدىن، قەنت 190 گىرام، ھەسەل 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى ھەسەلدە ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

بۆرەك زەئىپلىكىتەركىبى: ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم، ناۋات، ھەسەل تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزۈمنى خېمىردەك ئېزىپ، ھەسەلنى قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئاۋۋال ئۈزۈمنى، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1067

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#