نەغەزگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نەغەزگۈل ()
  2. نەغەزگۈل (خام دورا)

نەغەزگۈل

نەغەزگۈلى

نەغەزگۈلى ئاساسەن ياۋروپانىڭ جەنۇبى، ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە ياپونىيىلەرگە تارقالغان. جۇڭگونىڭ ئاساسەن تەيۋەن، گۈيلىن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى نەغەزگۈل
تارقالغان رايونلار ئەسلىي ماكانى جۇڭگو، سىبېرىيە، ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى نەغەزگۈل ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萱草
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پىيازگۈل ئائىلىسى، گۈلسامساق ئائىلىسى
تۈرى نەغەزگۈل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەغەزگۈلى نەغەزگۈلى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ئېگىزلىكى 60-100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، بىر تۈپتە ئادەتتە 6-10 غىچە گۈل بولىدۇ، يازدا ئېچىلدۇ، گۈلى يوغان دىئامىتېرى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. 


نەغەزگۈلى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئېگىزلىكى 60-100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يىلتىزسىمان غولى توم، قىسقا، گۆشلۈك تالا يىلتىز، ئۇرچۇقسىمان كۆپ ساندىكى تار ئۇزۇن ئىللىپىسسىمان بولىدۇ. غۇژمەك يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، تېمىنسىمان شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلىغى 30 ~ 60 سانتىمىتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر، ياز پەسلىدە تۇخۇم سېرىقى رەڭ چوڭ گۈللۈك، گۈل شېخى يوپۇرمىقى ئۇزۇن؛ كونۇس شەكىللىك گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، بىر تۈپتە ئادەتتە 6-12 غىچە گۈل بولىدۇ، گۈل سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر، كىچىك خەنجەر شەكىللىك ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بار؛ گۈل ئۇزۇنلىقى 7 ~ 12 سانتىمېتىر، گۈل قېپىنىڭ تۈۋى قىسمى توم، قىسقا، ۋارونكىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر، گۈل يېپىنچىسى ئالتە تال، سىرتىغا يۆگەلگەن ئۈچ ياپرىقى بولۇپ، 1-2 سانتىمىتىر، ئىچىدە ئۈچ تال ئازراق دولقۇنسىمان گىرۋەكلىك بولۇپ، كەڭلىكى 2.5 سانتىمېتىر، ئاتىلىقى 6 دانە بولۇپ، گۈل يىپى ، گۈل يېپىنچىسى بوغۇز قىسمى ئۇزۇن ئۆسىدۇ؛ گۈل تۈگۈنچىكى ئۈستىدە بۇلۇپ، ئانىلىق بوينى ئىنچىكە ئۇزۇن، گۈلى يازدا ئېچىلدۇ، گۈلى يوغان دىئامىتېرى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. 

نەغەزگۈلىنەغەزگۈلى سوغۇققا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، نەم جايلاردا ئۆستۈرۈشكىمۇ، قۇرغاق رايونلاردا ئۆستۈرۈشكىمۇ ماس كېلىدۇ. تۇپراققا بولغان تاللاشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، كۈن نۇرىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، باھار ۋە كۈزدە 2-3 تال بىخىنى ئېلىپ تىكىپ ئازراق ئوغۇت، يېتەرلىك سۇ بېرىش ئارقىلىق كۆپەيتىدۇ. ئۇرۇقىنى تېرىش ئارقىلىق كۆپەيتىشكىمۇ بولىدۇ.

نەغەزگۈلى ئاساسەن ياۋروپانىڭ جەنۇبى، ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە ياپونىيىلەرگە تارقالغان. جۇڭگونىڭ ئاساسەن تەيۋەن، گۈيلىن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان.

نەغەزگۈلىنەغەز گۈلى يەنە ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئانا مۇھەببىتىگە سىمۋول قىلغان گۈلى بولۇپ - مىرزاگۈل ئانا مۇھەببىتىگە سىموۋول قىلىنىشتىن بۇرۇن، نەغەز گۈلى ئانا مۇھەببىتىگە سىموۋول قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-1460

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/38820.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#