- لىمۇن (مېۋىنىڭ تۈرى)
- لىمۇن (خام دورا)
لىمۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇپۇرمىقى
لىمۇنلىمۇن دەرىخى كىچك دەرەخ بولۇپ، شاخلىرى كۆپ، تىكەنلىك، يۇمران يوپۇرمىقى ۋە گۈل بىخى ھەرقايسى جايلىرىغا قاناتسىمان يوپۇرماقلىقلىرى كەڭ تارقالغان، يوپۇرمىقى قېلىن بولۇپ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 8 ~ 14 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 4 ~ 6 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ، ئادەتتە قىسقا ئۇچلۇق، گىرۋەكلىرى روشەن دىقماق.
گۈلى (چېچىكى)
لۇمۇننىڭ چېچىكى يەككە گۈللۈك بۇلۇپ، گۈل كاسىسى رومكا شەكلىدە، 4-5 تېيىز ھەرە چىشىسىمان سىزىقچىكلىرى بار. گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق 1.5 ~ 2 سانتىمېتىر، سىرتى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك، ئىچى ئاچ رەڭلىك بولىدۇ؛ دائىملىق چېچىكى تاق جىنسلىق؛ ئاتىلىقى 20-25 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ؛ ئانىلىقى كانايسىمان ياكى باك شەكىللىك، ئۈستى قىسمى سەل تار، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان.
مېۋىسى
لىمۇنمېۋىسى ئېللىپس ياكى تۇخۇم شەكىللىك، ئىككى ئۇچى تار، ئۇچى ئادەتتە بىر قەدەر تار ۋە ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق توپچىسىمان ئۆسۈكچە بار، مىۋىسىنىڭ پوستى قېلىن بولۇپ، ئادەتتە يىرىك، لىمون مېۋىسىنى ئاجرىتىش تەس، لىمون پوستىدا پۇراقلىق ماي تەركىبى مول، شىرنە پۈۋەكچىسى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، مېۋە شەربىتى چۈچۈمەل ئاچچىق.
لىمون ئادەتتە ئىسسىق سايىگە چىداملىق، سوغوققا چىدامسىز، ئىسىقىتىن قوقمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇبتروپىك بەلباغ رايونلاردا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. لىمۇننىڭ مۇۋاپىق يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃17-19، يىللىق ئۈنۈملۈك جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى ℃5500 يۇقىرى، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6-8، مۇتلەق ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3-يۇقىرى بولىدۇ؛ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىردىن يۇقىرى، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى يۇقىرى كەڭلىكتىكى رايونلارنىڭكىدىن 1000 سائەت بولىدۇ.
لىمۇن دەرىخىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تۇپراق PH قىممىتى بولسا 5.5-7.0 ئارىلىقىدا بولىدۇ. لىمۇن ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر تېز، دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 3 ~ 6 مېتىر بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئوغۇت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم شاخلاپ، گۈل ئېچىلىپ، مېۋە بېرىدۇ. باشقۇرۇشنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ مەھسۇلات مىقدارى پەرقى بىر قەدەر چوڭ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.